تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى يۆتكەپ تىزىملاش (نىمكەش ئۆي سودىسى) ئىش بېجىرىش ئورنى يىمىن سارىيىغا كۆچۈرۈلىدۇ

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنىڭ «قولايلىق دەرىجىسى»نى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئامما، كارخانىلارنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى يۆتكەپ تىزىملاش (نىمكەش ئۆي سودىسى) ئىش بېجىرىش ئورنى ئۆي-مۈلۈك سارىيىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى A، B، C رايونى (ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى دۇڭسەي يولى 639-نومۇر)دىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى A رايون (ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جۇڭغار كوچىسى 299-نومۇر يىمىن سارىيى)غا كۆچۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نىمكەش ئۆي سودىسىنىڭ تەرتىپىمۇ تەڭشەلدى.

    تەڭشەلگەندىن كېيىنكى خىزمەت ۋاقتى 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، خىزمەت كۈنى سائەت 10:30دىن 18:30غىچە بولىدۇ. 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 00:00دىن 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 00:00گىچە نىمكەش ئۆي ئېلىم-سېتىم سودىسى، ئەر-خوتۇننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش، كېسىم ئارقىلىق نوپۇس يۆتكەش، يۆتكەپ تىزىملاش كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.

  مۈلۈكنى ئايرىش، ۋارىسلىق قىلىش، ھەدىيە قىلىش، رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش، تىزىملاشنى ئۆزگەرتىش، تىزىملاشنى تۈزىتىش قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش باشقا كەسىپلىرىنى يەنىلا ئۆي-مۈلۈك سارىيىدا نورمال بېجىرگىلى بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نىمكەش ئۆي سودىسى تەرتىپىمۇ تەڭشەلدى، ئەسلىدىكى ئۆي-مۈلۈك سارىيى ئۇنىۋېرسال كۆزنىكىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش ئالدى سۇپىدا قوبۇل قىلىش، ئۆي-مۈلۈك سودىسىنى ئارقا سۇپىدا بېجىرىش ئەندىزىسى ئۆي-مۈلۈك سودىسى توختامىغا توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كەسپىنى كۆچمەس مۈلۈكنى قوبۇل قىلىشنى ئالدىن كېلىشىپ نومۇر چاقىرىشتىن بۇرۇن بېجىرىشكە تەڭشەلدى. يەنى سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ يىمىن سارىيىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن سودا توختامىنى توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كەسپىنى تاماملاپ، ئاندىن توردا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كەسپىنى ئالدىن كېلىشىپ نومۇر چاقىرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئاندىن پۈتۈشكەن ۋاقىت بويىچە يىمىن سارىيى A بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىگە بېرىپ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋە باج تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىدۇ.

  ئاممىنىڭ ئۆي-مۈلۈك سودىسى كەسپىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆي-مۈلۈك سودا مەركىزى پۈتۈن شەھەردىكى ئالتە مەركىزىي شەھەر رايونىدا 12 كۆزنەك تور نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىنى نىمكەش ئۆي سودىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىش بېجىرىدىغان ئامما يېقىن ئەتراپتىكى خالىغان تور نۇقتىسىغا بېرىپ سودا توختامىنى توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، يان تېلېفون ئارقىلىق «新疆智慧住房管理服务平台» توردا بېجىرسىمۇ بولىدۇ. (ئىزاھات: ساقلانما ئۆي سودا توختامىنى توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشتە ھەق ئېلىنمايدۇ.)

ئۈرۈمچى شەھىرى نىمكەش ئۆي توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كەسپى تور نۇقتىسى ئۇچۇرى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.