تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش كىيىمىنى سىناپ كىيىپ بېقىشىغا ياردەملەشمەكتە.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شەن كۇن خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى شىمىگۇ رايونلۇق چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى مەكتەپلەرگە كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر مەيدان ئەمەلىي ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسى ئۆتتى.

   دەرسخانىدا، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى مەكتەپ ۋە ئائىلىلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى. نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىنغان تۈرلۈك ئوت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئوت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى سىناپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  ئارقىدىن، تەقلىدىي ئوت ئاپىتى تارقاقلاشتۇرۇش مانىۋېرى پائالىيەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنىشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھۆل لۆڭگە بىلەن ئېغىز - بۇرنىنى ئېتىپ، بېلىنى ئەگگەن ھالەتتە بىخەتەر رايونغا تېز ھەم تەرتىپلىك چېكىندى.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئوت مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى ھېس قىلماقتا. 

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوت مۇداپىئە نازارەتچى خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئوت كەتكەن نەق مەيداندا ئىشلىتىدىغان جابدۇقلارنى تونۇشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارغا يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى چۈشەندۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ تارقاقلاشتۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزدى.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.