تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەيدۇ، ئۈرۈمچىدە بۇ ھەپتە قار-يامغۇر يېغىپ، شامال چىقىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ) ئۈرۈمچىدە بۇ ھەپتە ھاۋارايى «ئۆز بېشىمچىلىق ئەندىزىسى»نى باشلايدىغان بولۇپ، قار، يامغۇر يېغىپ، شامال چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۇراقسىز بولىدۇ.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا تۇتۇق بولدى.  گاۋ چۇەن فوتوسى

   ​يېڭى بىر ھەپتە باشلىنىشى بىلەن، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىردى، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 19.5 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەنىدى، بۈگۈن 11 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا تۆۋەنلىدى، ئەتە-ئۆگۈن يەنە داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاران نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن.

   3-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۈشەنبە كۈندۈزدىن سەيشەنبە كېچىگىچە، شەھەر رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇردىن يامغۇر ئارىلاش قارغا، ئارقىدىن ئازراق قارغا ئۆزگىرىدىغان مۇرەككەپ ھاۋارايى جەريانى كۆرۈلىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ ئاندىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ۋە ئوتتۇراھال قارغا ئۆزگىرەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە 5~4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، بەدەن تېخىمۇ توڭلاش ھېس قىلىدىكەن. 

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىسى ئاراي ئايدىن مۇنداق تونۇشتۇردى: سەيشەنبە كۈندۈزدىن چارشەنبە كېچىگىچە داۋانچىڭ رايونىدا بوران كۈچلۈك بولىدۇ، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، 7 ~ 6 بال قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدۇ، 9 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ، يولدا مېڭىش قىيىن بولىدۇ، كۆپچىلىك سىرتقا چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.

   خۇش خەۋەر بولسا، بۇ ھەپتىنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ ھاۋاسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ. تېمپراتۇرا ئالدىنقى مەزگىلدە ئازراق تۆۋەنلەيدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ئاستا-ئاستا ئۆرلەيدۇ. شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 0 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇستىن 11 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ.«تېمپىراتۇرا مۇشۇنداق بىردەم ئۆرلەپ، بىردەم  تۆۋەنلىگەندە، كۆپچىلىك كىيىم-كېچەكنى ۋاقتىدا كۆپەيتىش-ئازايتىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك» دېدى ئاراي.

   مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋارايى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ، قار-يامغۇر يېغىپ، شامال چىقىدۇ، تېمپېراتۇرىمۇ بىردەم ئۆرلەپ، بىردەم تۆۋەنلەيدۇ. كۆپچىلىك چوقۇم ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سىرتقا چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.