شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى (قىسقارتىلىپ «تاشقورغان ناھىيەسى» دېيىلدى)دە كۆپ تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بار. ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، تاشقورغان ناھىيەسى باھار سەيلىسى ساياھىتىنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ جاي باھاردىكى ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنى ئاساس قىلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، كۆپ خىل كەسىپ قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئامىللىرىنى بىرىكتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت-ساياھەت مەنزىرىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى بېيىتىپ، باھار سەيلىسى ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەردى.

شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «سەييۈن رېنجيا» خەلق ئۆرپ-ئادەت كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلەرگە ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يەر ئاغدۇرۇش شەكلى − «ئىككى كالا ئارقىلىق تېرىقچىلىق قىلىش»نى كۆرسەتمەكتە. (3-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

ئارتىسلار شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى سۇڭلىڭ ئويۇن قويۇش مەركىزىدە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى − تاجىك مىللىتىنىڭ توي ئۆرپ-ئادىتى نومۇرىنى ئورۇنلىماقتا ( 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە، «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى»دا قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتوموبىل ئەترىتى يولدا كېتىۋاتماقتا. «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى»دا قىش پەسلىدە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، شۇ جاينىڭ مول مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىزىق نۇقتىلىق ساياھەت لىنىيەسىگە ئايلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خۇڭيەن فوتوسى

ئارتىسلار شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ «سەييۈن رېنجيا» خەلق ئۆرپ-ئادىتى كەنتىدە، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى − تاجىك مىللىتىنىڭ توي ئۆرپ-ئادىتى نومۇرىنى ئورۇنلىماقتا (3-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «سەييۈن رېنجيا» خەلق ئۆرپ-ئادىتى كەنتىدە، ئارتىسلار ساياھەتچىلەرگە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى − بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئورۇنداپ بەرمەكتە (3-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە، «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى»دا قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتوموبىل ئەترىتى يولدا كېتىۋاتماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خۇڭيەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «سەييۈن رېنجيا» خەلق ئۆرپ-ئادىتى كەنتىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خەلق ئۆرپ-ئادىتى «مۇز يېرىپ سۇ باشلاش»نى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۆستەڭ سۈيىنى ساياھەتچىلەرگە چېچىپ، بەخت تىلىمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خۇڭيەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «سەييۈن رېنجيا» خەلق ئۆرپ-ئادىتى كەنتىدە، ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خۇڭيەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى سۇڭلىڭ ئويۇن قويۇش مەركىزىدە، مۇزىكىلىق تىياتىر ئارتىسلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان تاجىك مىللىتىنىڭ توي ئۆرپ-ئادەت ئۇسسۇلىنى ئورۇنلىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خۇڭيەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسىدىكى بەيگە مەيدانىدا، كۆپ مىللەتنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئانار دانىسى» چاسا ئەترىتى كۆرەك ئورۇنلىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خۇڭيەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى