تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىن-سۈرەت | يىپەك يولىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى، پۇقراۋى كارخانىلار يەلكەن چىقىرىپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى

   ماشىنىلار تېز سۈرئەتتە ئايلاندى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى سۈرئەتنى تېزلەتتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەرتىپلىك ھالدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى... قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىلەر شىنجاڭدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ «دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دادىل ئىشلەش» كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى. دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىدىن ئىبارەت شەرق شامىلىدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بازار چوڭ دولقۇنىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ئېسىل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

شىنجاڭ چىيا كىرىمنىي كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 100 مىڭ توننا يۇقىرى ساپلىقتىكى كىرىستاللىق كىرىمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئوراپ قاچىلاش سېخىدا، ئۈسكۈنىلەر ئىشلەپچىقىرىلغان كۆپ كىرىستاللىق كىرىمنىينى ئوراپ قاچىلىماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ يۈفۇ بىيو تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بەدەن سىرتىدىن دىياگنوز قويوش تەجرىبە دورىسى كوللوئىدنى تولۇق ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرماقتا.

زوۋ يى فوتوسى

شىنجاڭ زاڭپەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتماقتا.

زوۋ يى فوتوسى

سانجى شەھىرى تيەنخۇي سولياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، خىزمەتچىلەر سولياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

   پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشى «سىياسەت كۈچى»نىڭ كاپالەتلەندۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭ نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، ھۆكۈمەت كاپالىتى جايىدا بولغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سودىگەرلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، سودىگەرلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، سودىگەرلەرگە يېقىن تۇرىدىغان، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان كەيپىيات يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

شىنجاڭ تيەنچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ پىششىقلاش سېخىدا، ئاپتوماتىك كەپشەرلەش مېخانىك قولى يېزا ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى كەپشەرلىمەكتە.

لى ۋېيپىڭ فوتوسى

پوسكام ناھىيەسى چۇڭشىن سودا-سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۇن پىششىقلاش زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

جاڭ يۈن فوتوسى

شىنجاڭ يۈەنشېڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئاليۇمىن ماتېرىيالنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

زوۋ يى فوتوسى

   پۇرسەت ۋە ئۈمىدكە تولغان بۇ دەۋر دولقۇنىدا، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، سىياسەت ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشكە تايىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.