ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2025-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا جەمئىيەتتىن تارقاق تىزىملىتىدىغانلار 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە (بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) تىزىملاتسا بولىدىكەن.
بۇ جەرياندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى (ھاۋالە قىلغۇچى) سائەت 11دىن 13كىچە، سائەت 16دىن 18گىچە، تىزىملىتىش ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال بىناسى (ياشلار يولى 361-نومۇر)نىڭ 1-قەۋەت مۇلازىمەت زالىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى بويىچە مەسلىھەت سوراش كۆزنىكىگە بېرىپ، تىزىملىتىشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ. ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 8810105-0991.
تىزىمغا ئالدۇرغاندا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تەمىنلەش كېرەك: ئوقۇۋاتقان مەكتەپ تەمىنلىگەن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەقىقىي ئوقۇغانلىق ئىسپاتى (ئالدىنقى قارارلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەمىنلىشى كېرەك)؛ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇس دەپتىرى، كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە چۈشكەن ئېلېكتىرونلۇق سۈرىتىدىن بىر پارچە (سۈرەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئاق رەڭدە، رامكىسىز بولۇشى، ئۈستىگە قېنىق رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇشى، ئۆلچىمى 192 × 144 <ئېگىزلىكى × كەڭلىكى> بولۇشى كېرەك، سۈرەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 100KBدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، jpg شەكلىدە بولۇشى كېرەك؛ ھەممە سۈرەت چوقۇم يېقىنقى مەزگىلدە ئۇدۇل قاراپ چۈشكەن يالاڭباش ھالەتتىكى رەڭلىك باش سۈرەت بولۇشى، باش قىسمى سۈرەت ئۆلچىمىنىڭ 3/2 قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك).
جەدۋەل تولدۇرغاندا ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرىغا مەملىكەتلىك ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرىنى تولدۇرۇشى كېرەك. نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاينى تولدۇرغاندا، نوپۇس ئەھۋالىغا ئاساسەن جەدۋەل ئىچىدىكى رايون، ناھىيەنى تاللاپ توشقۇزۇش كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تۈرى: ئادەتتىكى تۈر، يەككە تۈر دەپ ئايرىلىدۇ. يەككە تۈر: دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىپ ئىمتىھانغا قاتناشقان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك، داغۇر، شىبە، زاڭزۇ، رۇس قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئادەتتىكى تۈر: خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق (يەككە تۈردىن باشقا) باشقا مىللەتنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئالدىنقى قارارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئوقۇپ پۈتكۈزگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. تولۇقسىز 3-يىللىقتا قايتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئالدىنقى قارارلىقنى تاللايدۇ، قالغان ئوقۇغۇچىلار بۇ قارارنى تاللايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئائىلە ئادرېسىغا ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرېسىنى تولدۇرۇشى كېرەك.
ئۈرۈمچىدە نوپۇسقا ئالدۇرغان ۋاقتى نوپۇس دەپتىرىنى ئاساس قىلىدۇ، يۇقىرىقى تىزىملىتىش سانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ ھەم تەپسىلىي سېلىشتۇرۇڭ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى