ساغلام ئاساسىي تاماق تىلغا ئېلىنسا، قارا بۇغداي چوقۇم ئالدىنقى رەتكە تىزىلىدۇ! قارا بۇغداي دۆلىتىمىزدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 4000 يىللىق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە.
«چولپان ئاساسىي تاماق» بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارا بۇغداي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قارا بۇغداي تامىقى، قارا بۇغداي ئۇمىچى ئېتىش، قارا بۇغداي چۆپى پىشۇرۇش، مەيلى ئورۇقلاش مەزگىلى ياكى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە بولسۇن ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، دائىم قارا بۇغداي يەپ بېرىشنىڭ سالامەتلىككە زادى قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ باشقا ئاساسىي تاماقلارغا سېلىشتۇرغاندا، قارا بۇغداينىڭ قانداق ئوخشىمايدىغان يېرى بار؟ قېنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

ئومۇمەن ئېيتقاندا، قارا بۇغداي ئىنتايىن ياخشى بولغان ئاساسىي تاماق ھېسابلىنىدۇ، قان شېكىرى، قان بېسىم، قاندىكى ماي مىقدارىنى تەڭشەيدۇ، يەنە كىشىنى ئورۇقلىتىدۇ ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەقىقەتەن كىشىلەرگە «يېقىشلىق» ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
«جۇڭگودا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى