شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە ئىشلىگەن 14 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى مەخسۇس تېمىلىق پىروگرامما «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوقۇپ چۈشەندۈرۈش» 2025 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى كەچ سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مالىيە ـ ئىقتىساد قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ. بۇ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن تۇنجى مەخسۇس تېمىلىق تېلېۋىزىيە فىلىمى.
شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق مەخسۇس تېما بولۇش سۈپىتى بىلەن، پىروگراممىدا دىققەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن قەتئىي غايە ـ ئېتىقاد، روشەن سىياسىي يۆنىلىش، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىيات ۋە ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، بارلىققا كەلگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر سىستېمىلىق رەتلىنىپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى، نەزەرىيە قىممىتى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدۇ.
پىروگراممىدا ئاڭلىتىش ئۆيى پىروگرامما ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد ساھەسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئوقۇپ چۈشەندۈرىدىغان ئەزىز مېھمان بولۇشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، «دەۋر سوئالى» «پىكىر يولىنى ئۆگىتىش ـ ئۆگىنىش» «ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى» «ئۆگىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىپ ئۆزلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت تۆت بۆلەك تەسىس قىلىنىپ، 100دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلىي مىسال ئۆرنىكى بىلەن 40 نەچچە نەپەر مىسال ئۆرنىكى كۆزەتكۈچىسىنىڭ يېشىپ چۈشەندۈرۈشى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى جانلىق بايان قىلىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈلۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىگە تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگەنگەنلىرىنى، ئۆزلەشتۈرگەنلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ۋە جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
بۇ پىروگرامما مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سىن سۇپىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە ـ ئىقتىساد قانىلىدا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدۇ.