تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۆيلىنىش خېتى ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىڭىزغا قايتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ! ئۆيلىنىشنى تىزىملاش «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىلىدۇ»

   يېقىندا، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا «ئۆيلىنىشنى تىزىملاش نىزامى(تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆيلىنىشنى تىزىملاشتا «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش»نى يولغا قويۇش، ئۆيلىنىش ئائىلە يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەلالاشتۇرىدۇ.

  ئۆيلىنىشنى تىزىملاشتا «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» يولغا قويۇلىدۇ

  2021-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 21 ئۆلكىدە ئۆيلىنىشنى تىزىملاشتا «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىككى نۆۋەت قانات يايدۇرۇلدى. ئاممىنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» يولغا قويۇلىدۇ، شۇ چاغدا ئالاقىدارلارنىڭ ئۆيلىنىشنى تىزىملاپ بېجىرىشى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلارنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، قوبۇل قىلىش شەرتى، بېجىرىش تەرتىپى ۋە گۇۋاھنامە ماتېرىياللىرى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

  ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنى ئالاقىدارلار تەمىنلىگەن گۇۋاھنامە ماتېرىياللىرىنىڭ راستلىقى، تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكى، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تىزىملاش كەسپىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بېجىرىشى كېرەك.

  ھەرقايسى جايلارنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۆيلىنىشنى تىزىملاش خىزمىتى قائىدىلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش كۆزنىكىنىڭ مۇلازىمەت قائىدىسى، خىزمەت ئىنتىزامى، مەدەنىي سۆز ئىشلىتىشى، مۇلازىمەتتە چەكلەنگەن سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.

  ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن پائال تەمىنلىنىپ، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى تورلاشتۇرۇپ سېلىشتۇرۇش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئۆيلىنىش ئائىلە يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ

  ھەرقايسى جايلاردىكى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆيلىنىش ئائىلە يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئالاقىدارلار تېخىمۇ ئىلمىي، كەسپىي، ئۈنۈملۈك، ئىللىق بولغان ئۆيلىنىش ئائىلە يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  ھەرقايسى جايلارنىڭ تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، ئۆيلىنىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە، ئۆيلىنىش ئائىلە مۇناسىۋىتى يېتەكچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر چۆرىدىلىپ، يېتەكچىلىك مەزمۇنى، يېتەكچىلىك تاكتىكىسى، يېتەكچىلىك مۇھىم نۇقتىسى قاراتمىلىق ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدارلار ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  ھەرقايسى جايلارنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىگە سىجىل ۋارىسلىق قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئۆيلىنىش ئائىلە يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ياخشى پۇرسەتتىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە پائال ۋارىسلىق قىلىنىدۇ.

  توي ئادىتى ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

  ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مەدەنىي، ساغلام توي ئۆرپ-ئادىتىنى تەشەببۇس قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ، ئۆيلىنىش خېتى تارقىتىش مۇراسىمى، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى قاتارلىق خاس مۇلازىمەتلەر بىلەن پائال تەمىنلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلار توينى يېڭىچە، ئاددىي ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىنىدۇ.

  مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ماسلىشىپ، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق، توينى چوڭ، ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تويدىكى ناچار ئادەتلەرنى تۈزەش پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولى ۋە توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى كېڭىشى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ توي ئادىتى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى قوزغىتىلىپ، توي ئادىتى ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىللار ئۈنۈملۈك توسۇلىدۇ.

    ئۆيلىنىشنى باشقۇرۇش سەمىمىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆيلىنىشنى تىزىملاش سەمىمىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىدىغان ئالاقىدارلار ئۆزى تەمىنلىگەن گۇۋاھنامە ماتېرىياللىرىنىڭ چىنلىقى، ئۈنۈملۈكلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ، ساختا گۇۋاھنامە ماتېرىيالى چىقىرىپ بېرىشكە بولمايدۇ.

 «شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.