تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2025-يىللىق شىنجاڭ بويىچە 1-پەسىلدىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى

    3-ئاينىڭ 22-كۈنى، سانجى شەھىرى تىڭجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېشىللىق جىلغىسىدا، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ خۇامېي شېڭدى سانجى جىنپۇدۈن مېھمانسارىيى توپى تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى نەق مەيدانى. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 53.71 مو بولۇپ، 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 80 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئۈچ خەلقئارالىق مېھمانساراي داڭلىق ماركىسىنى كىرگۈزۈش، تەخمىنەن 500 ياتاق سېلىش پىلانلاندى، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

خې لۇڭ فوتوسى

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىڭتۇەن 2-شى G687 تيېمېنگۇەن-ئارال تاشيولى تۈرىدە ئىش باشلاش نەق مەيدانى. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 374 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 4 مىليارد 383 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، باشلىنىش نۇقتىسى تيېمېنگۇەن شەھىرى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئارال شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. سۈرەتتە: ئىش باشلاش نەق مەيدانى.

ۋېي چېڭيى، ياڭ ياڭ فوتوسى

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ خۇامېي شېڭدى سايرام كۆلى مېھمانساراي توپى تۈرىدە ئىش باشلاندى. بۇ تۈر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 177.58 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 101 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 701 ياتاق سېلىش پىلانلاندى.

نەن دېڭ فوتوسى 

 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2025-يىلى 1-پەسىلدىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئادىل مىجىت فوتوسى 

   3-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ خۇامېي شېڭدى مېھمانساراي توپى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ شۆبە يىغىن مەيدانى كۇچا شەھىرىدىكى شيئېردۇن مېھمانسارىيى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مېھمانساراي تۈرى كۇچا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر بىلەن كوناشەھەر تۇتىشىدىغان جايغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 23 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر، پىلانلانغان ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 31 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 800 مىليون يۈەن.

تۇرسۇن توختى فوتوسى 

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 6 مىليارد 492 مىليون يۈەن بولغان ئاروماتىك ھىدروكاربون كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىككى نۇقتىلىق تۈر جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە رەسمىي باشلاندى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى بىلەن توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ «ئاچقۇچلۇق بىر ھالقىسى» راۋانلاشتۇرۇلۇپ، «نېفىت ئايرىش − خىمىيە سانائىتى − توقۇمىچىلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

جاڭ شياڭ فوتوسى 

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىڭتۇەن 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق چوڭ-چوڭ تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمى بىڭتۇەن شەرقىي جۇڭغار سانائەت باغچە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل، بۇ شى-شەھەر 200 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان، بۇنىڭغا جەمئىي 52 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، تۈر ھەجىمىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، بۇ، ئۇل ئەسلىھە، ئىلغار ياسىمىچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لى خۇابېي فوتوسى 

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىكى يىلىغا كۆمۈردىن 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىش تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى. بۇ تۈرگە جەمئىي 16 مىليارد 793 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرى بوشلۇق ئايرىش قۇرۇلمىسى، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى، بىرىكمە تەبىئىي گاز قۇرۇلمىسى، تەبىئىي گازنى قىسىش ھەم قۇرۇتۇش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىلىغا 5 مىليون 560 مىڭ توننا كۆمۈرنى ئايلاندۇرۇپ، تۇرۇبا تەبىئىي گازى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، نېفىت مېيى، كوكس مېيى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرۇبىلىق تەبىئىي گاز غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق جياڭسۇ، جېجياڭ رايونلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليون ئائىلىنىڭ بىر يىللىق ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

چاڭ يىيى فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.