تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۇزاق ۋاقىت ھور كۆزلۈكى تاقاش كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   يېقىندا، بىر تورداش ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ ھور كۆزلۈكى تاقاپ، ئېلىۋەتمەيلا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز قارىچۇقىنىڭ ئاغرىپ، ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

   بۇ ھەقتە، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 5-تېببىي مەركەز كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى ساۋ شۈيچىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاق ۋاقىت ھور كۆزلۈكى تاقاش كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسى: «كۆرۈنۈشتىكى جۇڭگو»

   ھور كۆزلۈكى ھور ھاسىل قىلىش ئارقىلىق كۆزدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 40 سېلسىيە گىرادۇستىن 60 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ، قىسمەن ناچار مەھسۇلاتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھەتتا 70 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. كۆز سىرتقى توقۇلمىسى تېمپېراتۇرىغا بىرقەدەر سەزگۈر بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت غىدىقلاش مۈڭگۈز پەردە بىلەن بىرىكتۈرگۈچى پەردە قان تومۇرىنى كېڭەيتىپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆيۈپ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، «ئەگەر بۇ سەۋەبتىن مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، يارا قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ.»

   ئۇزاق ۋاقىت ھور كۆزلۈكى تاقىغاندا، كۆز ئىسسىق، نەم ھەم ھىم مۇھىتتا تۇرىدۇ، كۆزنىڭ نەملىك دەرىجىسى ئېشىپ، ئاسانلا كۆز سىرتىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەسلىدە كۆز سىرتىدا مەۋجۇت بولغان پايدىلىق باكتېرىيە توپى تىزگىنلىنىدۇ، بەزى يوشۇرۇن كېسەللىك مەنبەسى باكتېرىيەلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

   بۇنىڭدىن باشقا، ساۋ شۈيچىن بەزى كۆز كېسەللىكى ئاغرىقلىرىنى ھور كۆزلۈكى ئىشلەتكەندە ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇشنى ئەسكەرتتى. مەسىلەن، گىلاۋكوما ئاغرىقلىرىنىڭ كۆز ئىچكى بېسىمى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھور بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كۆز ئىچكى بېسىمىنى يەنىمۇ ئۆرلىتىپ، كۆرۈش نېرۋىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. دىيابېت كېسىلى سەۋەبىدىن كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ئاغرىقلاردا قان تومۇر كېڭىيىش سەۋەبىدىن كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن.

   ساۋ شۈيچىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھور كۆزلۈكىنى ئىلمىي ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

   بىرىنچى، ئىشلىتىش ۋاقتىنى 20~15 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلغان مۇۋاپىق، ھەرگىز 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك ياكى ئۇزاق ۋاقىت ھور كۆزلۈكى تاقىماسلىق كېرەك. كۈندىلىك ئىشلىتىش قېتىم سانى 2~1 قېتىم بولۇشى، زىيادە ئىشلەتكەندە كۆڭۈلدىكىدەك داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە كۆزنىڭ چارچىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 

   ئىككىنچى، كۆز قىسمىدا ياللۇغلىنىش، تاشقى زەخمە، زىيادە سەزگۈرلۈك ياكى گىلاۋكوما، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر بار كىشىلەر ئىشلىتىشتىن بۇرۇن كەسپىي دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك. بالىلار چوڭلارنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا ئىشلىتىشى كېرەك. 

   ئۈچىنچى، ھور كۆزلۈكى سېتىۋالغاندا مەھسۇلاتنىڭ تەركىبى، ساقلاش مۇددىتى ۋە تېمپېراتۇرا دائىرىسىگە دىققەت قىلىپ، تەركىبىدە غىدىقلىغۇچى پۇراقلىق ماددا بولغان تىپنى تاللاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھور كۆزلۈكى تاقاشتىن بۇرۇن ئىككى قول ۋە كۆز ئەتراپىنى پاكىز يۇيۇپ، كۆزدە گىرىم بۇيۇملىرى قالدۇقى قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئىشلىتىش جەريانىدا، ئەگەر كۆز بىئارام بولۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال ئىشلىتىشنى توختىتىش ھەم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.» دېدى ساۋ شۈيچىن.

«پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋاقىت گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.