تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چېۋەر قولدا توقۇلغان يېڭى مەنزىرە

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، يۈسۈپ قېيۇم خېرىدارلارغا چىۋىق توقۇلما بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، يۈسۈپ قېيۇم سېۋەت توقۇماقتا.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، يۈسۈپ قېيۇم 11 ياشلىق ئوغلى (ئوڭدىن 1-كىشى)غا چىۋىق توقۇش ھۈنىرىنى ئۆگەتمەكتە.

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى

   پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلبويى بازىرى مۇنۇر كەنتىدىكى يۈسۈپ قېيۇمنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، ھويلىغا سۆگەت چىۋىقىدىن توقۇلغان غاز، بېلىق قاتارلىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرى لىق تىزىلغانىدى. 46 ياشلىق يۈسۈپ ئۇيغۇر قول-ھۈنەر چىۋىق توقۇش (چىۋىق توقۇلما) ۋارىسى بولۇپ، 12 يېشىدىلا چىۋىق توقۇلما بۇيۇملىرىنى توقۇيالايتتى.

   چىۋىق توقۇلما بۇيۇملىرىنى توقۇشقا ئاساسلىقى قارىياغاچ شېخى، يۇلغۇن شېخى، تېرەك شېخى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. شاخلارنى سۇغا ئۈچ-تۆت كۈن چىلاپ سۈزۈۋېلىپ سايە جايدا قۇرۇتقاندىن كېيىن توقۇشقا بولىدۇ. چىۋىق توقۇلمىنىڭ رومبا شەكىللىك، زەنجىر شەكىللىك، دولقۇن شەكىللىك، ئېللىپىس شەكىللىك قاتارلىق نۇسخىلىرى بولىدۇ، توقۇش ماھارىتى ۋە نۇسخىلارنى ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇش، يەنە كۆپ خىل ئىش تەرتىپىنى قوشۇش ئارقىلىق چىۋىقلارنى نەپىس ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

   «چىۋىق توقۇلمىلىرى پۈتۈنلەي قولدا تاماملىنىدۇ، بىر توقۇلما بۇيۇمنى تاماملاشقا ئاز بولغاندا بىر سائەت، كۆپ بولغاندا بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ، ئادەمنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە ئەستايىدىللىقىنى تولىمۇ سىنايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ھۈنەرگە قىزىقىدىغان ياشلار كۆپىيىشكە باشلىدى، مەن ئۆز ھۈنىرىمنى چىۋىق توقۇلمىنى ياخشى كۆرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئۆگىتىپ، چىۋىق توقۇش ھۈنىرىمنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمەن» دېدى يۈسۈپ.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.