تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پەنلۇڭ قەدىمىي يولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى: بۇلۇتلار ئارىسىدىكى پەلەك يولى قايتا ئېچىلدى! 100 ئاپتوموبىل 600دىن ئارتۇق ئايلانمىدىن «ئايلىنىپ» ئۆتتى

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتوموبىللار تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋاچا يېزىسىدىكى پەنلۇڭ قەدىمىي يولىدىن ئۆتمەكتە. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تاشقورغان ناھىيەسى دېيىلىدۇ) ۋاچا يېزىسىدىكى پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرە رايونى بىر مەيدان ئالاھىدە بولغان سەيلە قىلىپ ئايلىنىش، يىغىلىش مۇراسىمىنى كۈتۈۋالدى. باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قار-مۇزنى ئېرىتىشىگە ئەگىشىپ، پامىر ئېگىزلىكىدە ئەگرى-بۈگرى سوزۇلۇپ ياتقان «بۇلۇتلار ئارىسىدىكى پەلەك يول»دا قاتناش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل خۇددى ئەجدىھاغا ئوخشاش تاغ يولىدا تەرتىپلىك سەپ تۈزۈپ، 600دىن ئارتۇق S شەكىللىك ئەگمە يول بىلەن U شەكىللىك ئەگمە يول ئارىسىدا ھەيۋەتلىك بولغان ھەرىكەت ھالىتىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئارتىسلار تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋاچا يېزىسىدىكى پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرە رايونىدا نومۇر ئورۇنلىماقتا.

   «غايەت زور ئەجدىھا ئويغاندى»، قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان پەنلۇڭ قەدىمىي يولى بەش ئايدىن كېيىن قايتا ئېچىلدى. پەنلۇڭ قەدىمىي يولى يەنە ۋاچا تاشيولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تاشقورغان ناھىيەسى بىلەن ۋاچا يېزىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول. ھەر يىلى قىش پەسلىدە، دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىن 4000 مېتىردىن كۆپرەككە تېز ئېگىزلەيدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك بۇ يول بۆلىكىنى قار-مۇزلار قاپلايدىغان بولغاچقا، بۇ تاشيول بەش ئايغا يېقىن «قىشلىق ئۇيقۇ»دا ياتىدۇ. ئەتىياز كىرىشى بىلەن، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تاشيول باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن لىنىيەدە قارلارنى تازىلاپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تاماملاپ، بۇ «ۋاڭخۇڭ تاشيول»نىڭ قايتىدىن رەسمىي «ھاياتىي كۈچكە تولغان»لىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆز ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنى پامىرغا جەم بولۇپ، پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنى سەيلە قىلىپ ئايلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بۇ «دۇنيا دەرىجىلىك ئايلانما يولنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى»نى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتوموبىللار تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋاچا يېزىسىدىكى پەنلۇڭ قەدىمىي يولىدىن ئۆتمەكتە.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋاچا يېزىسىدىكى پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرە رايونىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋاچا يېزىسىدىكى پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرە رايونىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

   «پەلەك يولى» شىفىرى، تەبىئىي مەنزىرە مەدەنىيەت-ساياھەت بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنىڭ لايىھەسىنى «جۇغراپىيە ۋە قۇرۇلۇش سىمفونىيەسى» دېيىشكە بولىدۇ. 30 كىلومېتىر كېلىدىغان يول بۆلىكىدە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك پەرقى 1000 مېتىردىن ئاشىدۇ، تەخمىنەن ھەر 50 مېتىردا بىر ئەگىم بار بولۇپ، ئىنژېنېر تاغ ئېتىكىنىڭ ئېگىزلەش-پەسىيىش يۆنىلىشىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، تاشيولنى «پەلەك يولى سىرلىق ئوردىسى»غا ئايلاندۇرغان. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەبلەغ سېلىپ رېشاتكا، بەلگە ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم «ئەگىم يول ئىقتىسادى»غا تۈرتكە بولدى: يول بويىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىنىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز ئېشىپ، ھەر قېتىم ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر ياتاق تاپالماي قالدى، ئېگىزلىكتىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتناشنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى، پەنلۇڭ قەدىمىي يولى قاتناش تومۇرى بولۇپلا قالماي، پامىر مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى.

   پەلەك يولىدا ئېھتىياتچان بولۇپ، بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. گەرچە گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلسىمۇ، لېكىن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇنداق تەكىتلىدى: پەنلۇڭ قەدىمىي يولى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولغان ئايلانما تاغ يولىغا تەۋە بولۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، تەكشى سۈرئەتتە مېڭىش، كېچىسى يول يۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، مۇددەتتىن بۇرۇن ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.