تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاتناش ۋاقتى بەش سائەتكە قىسقىرايدۇ! شىنجاڭدىكى بۇ تاشيول تۈرىدە ئىش باشلاندى

   3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى G687 تيېمېنگۇەن-ئارال تاشيول تۈرىدە ئىش باشلاندى، 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە، شۇ ۋاقىتىدا پۈتۈن لىنىيەنىڭ قاتناش ۋاقتى ھازىرقى 6.5 سائەتتىن بەش سائەتكە قىسقىرايدىكەن.

ئىش باشلاش نەق مەيدانى.

ياڭ ياڭ فوتوسى

   بۇ تۈر لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 374 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 4 مىليارد 383 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، باشلىنىش نۇقتىسى تيېمېنگۇەن شەھىرىدە بولۇپ، تاشدەندىن شاڭكۇ سانائەت باغچە رايونىغىچە ياسىلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، G3012 تۈگۈنى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىكەن، كورلا شەھىرى، بۈگۈر ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى، شايار ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتىسى ئارال شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

   بۇ تۈر دۆلەت تاشيول تورى يىرىك پىلانىدىكى ئادەتتىكى دۆلەت يولى 687 لىنىيەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 6800 ئاپتوموبىل قاتنىيالايدۇ ھەم بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى تەخمىنەن 1 مىليون 100 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.