تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، قوشنىلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەھەللىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن مەھەللە شەكلى كۆپ خىل مەدەنىيەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ھۆسن قوشتى.
ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى شۇ جايدىكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلارنى مەھەللىدە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەرسخانىسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە ھەقسىز دەرس ئۆتتى ھەم مەھەللىدە كۆرگەزمە ئېچىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، كىچىك دوستلار ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەتتاتلىق دەرسىدە مۇئەللىمگە ئەگىشىپ خەتتاتلىق ئۆگەنمەكتە.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان كونا بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە ئاھالىلەر تىكتاك توپ ئوينىماقتا.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، كىچىك دوستلار تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرىدە بەدەن چېنىقتۇرماقتا.