شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:
70 يىلدىن بۇيان، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى لائوس خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ لائوس پارتىيەسى 11 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىينى، جەمئىيەت ئىشلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى سىجىل راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈنسېرى ياخشىلىغاچقا، خەلقئارا تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقى بۇنىڭدىن چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى تۇڭلۇن باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوس پارتىيەسى ۋە خەلقى چوقۇم سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق لائوس پارتىيەسى 12 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.
سوتسىيالىزم يولىدىكى يولداش ھەم قېرىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقى باشتىن - ئاخىر لائوس پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنى ئىشىنىشكە بولىدىغان دوست ۋە ھەمراھ دەپ قاراپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. 2023 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىرلىكتە جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشىدە، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، پۇختىلاندى، بىر قاتار يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى.
ھازىر، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، لائوسمۇ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى لائوس خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك يۆنىلىشىكە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.