□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، جاڭ يەن
ھەيۋەتلىك، ئاپئاق قارلىق تاغلار، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالار، جىمجىت، سۈزۈك كۆللەر... ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن - گۇيجوۋ ئېگىزلىكىدە، ئېگىز بوشلۇقتىن پەسكە قارىغاندا گارمون يوپكا كەبى ناھايىتى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
«رەڭدار گۇيجوۋ» «گۈزەل يۈننەن»، رەڭگارەڭ تۇپراق ئىلگىرى نامراتلىق سەۋەبىدىن رەڭدارلىقى سۇسلاپ قالغانىدى، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن تۆت ئالاھىدە نامرات رايون خۇددى تاغدەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ داستان كەبى ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، باھار شامىلى تاغلىق يېزىلارغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى، بىر سەكرەش مىڭ يىللىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ يېپىلغىنىغا بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەن - گۇيجوۋ تۇپرىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تۆت كۈن ۋاقىتتا ئىككى ئۆلكە، تۆت شەھەر، ئوبلاستنى ئايلىنىپ، رەڭدار زېمىندا مەۋج ئۇرۇۋاتقان باھار دولقۇنىنى، چەكسىز گۈزەللىكنى كۆردى.
قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇشتا قىياپەت يېڭىلاندى.
3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇيجوۋ لىپىڭدىكى جاۋشىڭ دۇڭجەيدە، سىم - سىم يامغۇردىن كېيىن، ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى ساپ ئىدى، تاغ ئورمىنى يېشىللىققا پۈركىنىپ، تۇتاش كەتكەن پەلەمپەيسىمان ئېتىزلاردىكى پورەكلەپ ئېچىلغان قىچا گۈللىرى ئالتۇن رەڭدە دولقۇنلاپ گۈل دېڭىزى ھاسىل قىلغانىدى.
ئاددىي - ساددا ھەم قىزغىن دۇڭزۇلار ئەڭ داغدۇغىلىق دۇڭزۇ خەلق ناخشىسى بىلەن باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
«كەلدى باھار، تولدى ئەتراپ باھار تۈسىگە، پۈركەندى تاغ - ئورمانلار يېشىللىققا، سايرىدى كاككۇكلار ئېيتىپ شوخ ناخشا، كاككۇكلار توختىماي سايراپ چاقىردى تېرىقچىلىققا...» ناخشىنىڭ نامى «كاككۇكنىڭ باھارنى چىللىشى» بولۇپ، مىڭ يىلدىن ھالقىغان مۇڭلۇق ناخشا ساداسى دۇڭشياڭدا يېڭى باھار بۇرغىسىنى ياڭراتتى.
قۇشلارنىڭ سايرىشى باھاردىن دېرەك بېرىدۇ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشى يازدىن دېرەك بېرىدۇ، تومۇزغىلارنىڭ چىرىلدىشى كۈزدىن دېرەك بېرىدۇ، شامالنىڭ غۇيۇلدىشى قىشتىن دېرەك بېرىدۇ، تۆت پەسىل ئالمىشىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان كۈچنى يەتكۈزىدۇ.
ئەۋلادمۇئەۋلاد ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ كەلگەن نەزمىلەرنى ئېيتىپ، كۈنسېرى يېڭى تۇرمۇش كەچۈردى. يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، «دۇڭشياڭدىكى بىرىنچى كەنت» تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە بولسىمۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. 2024 - يىلى بۇ جاي جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، دۇڭزۇلار ئېتىزلارنى، تاغ - دەريالارنى سەھنە قىلىش ئارقىلىق، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.
ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش.
كەنتنىڭ ئاساسىي يولىدا، قوش لەمپىلىك مۇنارسىمان شەكىلدىكى شىنتۇەن گۇلوۋ راۋىقىدا، ئوتدان ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئىللىق كەيپىياتقا تولغانىدى. «كۆپچىلىك ئازادە سۆزلەڭلار، بىز مۇڭدىشايلى.» باش شۇجى كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى.
ياغاچتىن ياسالغان توغرا لىمغا «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىمىز» دېگەن خەتلەر ئويۇلغانىدى، قىپقىزىل ئوت يالقۇنىدا يۇرتداشلارنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى: كەنتتە تۇرۇشلۇق شۇجى، ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ئىگىسى، دۇڭزۇ خەلق ناخشىسىنى ئورۇنلاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، دۇڭزۇ چالغۇلىرىنى ياساش بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى... كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بەس - بەستە بايان قىلدى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.
بەخت بايان قىلىنغان سۆزلەردە، ھەربىر كىشى تۇرمۇشنىڭ باش رولچىسى ئىدى، ھەربىر دەستە نۇر كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتاتتى.
«ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭلار. سۆزلىرىڭلاردىن، روھىي ھالىتىڭلاردىن كەنتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى باش شۇجى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى سۆيۈنگەن ھالدا، «تۇرمۇشىڭلارنىڭ بارغانسېرى باياشات ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!»
كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يۇرتداشلار بەس - بەستە كېلىپ باش شۇجىنى چۆرىدەپ تۇردى.
چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان «دۇڭزۇ ناخشىسى ئېيتىپ پارتىيەنى كۈيلەيمىز» دېگەن ناخشا ئىختىيارسىز ئېيتىلغاندا، نەق مەيداندا بارغانسېرى كۆپ كىشى ئەگىشىپ ئېيتتى. كۆپچىلىك ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، ناخشا ئېيتقاچ چاۋاك چالدى، ناخشا ئاۋازى، چاۋاك ئاۋازى دولقۇنلاپ گۇلوۋ راۋىقىدىن پۈتۈن كەنتكە تارقالدى. باش شۇجى توختىماي يۇرتداشلارغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. بۇ مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان مەنزىرىدىن كىشىلەر ھاياجانغا چۆمدى.
گۈللەپ ياشنىغان تەرەققىياتتا قىياپەت يېڭىلاندى.
3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، يۈننەن لىجياڭدا دەل كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قېلىن قار يېغىپ، پۈتۈن يەر - جاھاننى گۈزەل مەنزىرىگە پۈركىدى.
باھاردا ياغقان قار كۈمۈشتەك ئاپئاق، قىپقىزىل تاغ گۈللىرى چوغدىنمۇ قىزىل ئىدى. يۈلۇڭ قارلىق تېغى ئېتىكىدە، قاتار - قاتار ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكلار تۇتاش كەتكەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ لىجياڭ زامانىۋى گۈل - گىياھ كەسىپ باغچىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.
گۈل دېڭىزىغا كىرگەندە، رەڭگارەڭ گۈللەر كۆزنى قاماشتۇراتتى. كۆرگەزمە زالىدا «دەنجۇاڭ» «تۇەنتيەن» «شۆشەن» «چىزىجىشىن» «خۇڭچۇەن»... پورەكلەپ ئېچىلغان 100 خىلدىن ئارتۇق شەكىل چىقىرىدىغان يېڭى گۈل كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. 2024 - يىلى يۈننەننىڭ شەكىل چىقىرىدىغان يېڭى گۈل مەھسۇلات مىقدارى 20 مىليارد 600 مىليون تال بولۇپ، دۇنيادىكى ھەربىر ئادەمگە 2.5 تالدىن گۈل تارقىتىپ بەرگىلى بولىدۇ، جۇڭگودىكى ھەر ئون تال شەكىل چىقىرىدىغان يېڭى گۈلنىڭ يەتتە تېلى مۇشۇ جايدىن كەلگەن.
پارنىكتا گۈللەر غۇنچىلاپ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىللىق چىرايى ۋە گۈل - گىياھلار بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، ناشى ئوغۇل - قىزلىرى شاخ - يوپۇرماقلار ئارىسىدا گۈزەل مەنزىرە پەيدا قىلغانىدى. باش شۇجى كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
گۈل - گىياھ ئىشچىسى خې يۆخۇا يېڭى ئۈزگەن بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ چېھرىدە پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى: «ئۆيۈمگە ناھايىتى يېقىن، بىر ئايلىق كىرىمىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئاۋات پەسىلدە 7000 يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدۇ».
باش شۇجى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ بۇ كەسپىڭلار ناھايىتى گۈللىنىپتۇ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. تۇرمۇشىڭلارنىڭ گۈلدەك گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!»
«يۈننەندىكى 18 ئاجايىپ ئىشنىڭ بىرى گۈللەرنىڭ تۆت پەسىلدە توختىماي ئېچىلىشى.» گۈل كەسپى «رەڭدار يۈننەن»نىڭ خاس كەسىپ سىستېمىسىنىڭ روشەن ۋەكىلى.
يەر يۈزى بوشلۇقىدىكى قاتلىنىش روشەن تىك كىلىمات بەلبېغى ھاسىل قىلىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «ئۆسۈملۈك باغچىسى»نى شەكىللەندۈرگەن. «ئىستېرېئولۇق يۈننەن»دە 14 ئېگىزلىك خاس يېزا ئىگىلىكى نۇقتىلىق كەسىپىنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك مەھسۇلات قىممىتى 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
«يۈننەننىڭ يەرلىك چېيى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەينى يىللاردىلا چايچىلار قەدىمىي يولى ئىدى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ تارىخى ئۇزاق، كىچىك پۇرچاقلىق قەھۋە ناھايىتى ئىچىشلىك، يەنە كاۋچۇك ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون، ئىسسىق بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغنىڭ مېۋىلىرى، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلىرى بار... بۇ خاس مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ كوزىرىڭلار، كوزىرنى ئۈزلۈكسىز ياخشى داۋاملاشتۇرۇڭلار.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جانلىق بايان قىلىپ بەردى، زور ئۈمىد كۈتتى.
بۇ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىزاھلىنىشى، شۇنداقلا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول. ئۆزگىچە تەبىئەت، جۇغراپىيە، كىلىمات، رايون ئورنى، ئادىمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ رەڭدار تۇپراق ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز.
قەدىمىي تۈسى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تومۇر سوقۇشىدا قىياپەت يېڭىلاندى.
جىنشاجياڭ دەرياسى قەدىمدە لىجياڭ دەرياسى دەپ ئاتىلاتتى، لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى جىنشاجياڭ دەرياسىنىڭ دەريا قولتۇقىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى بۇ جايدا چوڭ ئايلىنىپ، مەردانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، «چاڭجياڭ دەرياسى 1 - قولتۇقى»دىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ئەگىمە سىزىقنى قالدۇرغان.
800 يىلدىن ئاشقان قەدىمىي شەھەردە، چايچىلار قەدىمىي يولىدا ئاتلىق كارۋانلارنىڭ كولدۇرما ئاۋازى ئاڭلانغان، سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىش - كېلىش قىلغان ئاياغ ئىزلىرى قالغان. ئەجدادلار بۇ جايدا سۇ يولىنى ئۆزگەرتمەي، شارائىتقا قاراپ ئۆي سالغان، بۇنىڭ بىلەن تاغلىق شەھەرنىڭ قىياپىتىدە سۇ ماكانىنىڭ قىياپىتىمۇ ئەكس ئەتكەن بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدە بولۇشتەك ئەقىل - پاراسەت يىللاردىن ھالقىپ كوچا - رەستىلەرگە پۈتۈلگەن.
كىچىك تاش كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، گىرانىت تاش ياتقۇزۇلغان يولنى بويلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئاددىي - ساددا ئۆيلىرىنى، قاتار - قاتار دۇكانلارنى، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆرۈپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ قويۇق جۇغلانمىسى ۋە قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئاۋاتلىقىنى ھېس قىلدى.
مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» كۆزنى چاقنىتىپ، «تىرىك تەسۋىرىي يېزىق» دۇڭبا يېزىقى، «مۇزىكا تىرىك تاش قاتمىسى» ناشى قەدىمىي مۇزىكىسى، يەنە «يامغۇر بارلىق شەيئىلەرنى ياشارتىدۇ» دېگەن مەدەنىيەتنى قەدىرلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئەنئەنىسىنى قالدۇرغان.
مۇشى قەسىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى «دوستلۇق مېھرى» دەپ ئاتالغان ھەيكەلگە مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا دائىر مۇنداق داستان خاتىرىلەنگەن: جياڭسۇ جياڭيىنلىق شۈ شياكې ئەينى يىللاردا غەربىي جەنۇبقا قاراپ سەپەرگە چىقىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تېپىش ئۈچۈن، ئېقىنغا قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ لىجياڭغا كەلگەن ھەم مۇشى تۇسى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى ئورناتقان.
ئۇ چاڭجياڭنىڭ باش ئېقىنىدا ياشايدۇ، مەن چاڭجياڭنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ياشايمەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن تومۇرى توختاۋسىز ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تارىخ ئېقىنىدا تۇتاشقان.
لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىدە، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىدىن تەسىراتقا ئىگە بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئاڭلىق مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك».
يىلتىزى چوڭقۇر دەرەخ بۈك - باراقسان ئۆسىدۇ، مەنبەسى چوڭقۇر دەريا يىراققا ئاقىدۇ. 56 مىللەت شانلىق تارىخنى ئورتاق پۈتۈپ، پارلاق مەدەنىيەتنى ئورتاق ياراتتى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىدا، ھەربىر يۇلتۇز كۆزنى چاقنىتىدۇ.
يۈننەندە، باش شۇجى ناشى مىللىتىنىڭ دۇڭبا مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. گۇيجوۋدا، دۇڭزۇ مەدەنىيىتى كۆرگەزمە مەركىزىدە، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دۇڭزۇ مىللىتى مەدەنىيىتى ناھايىتى مول ئىكەن».
مول مەدەنىيەت ئوزۇقى، مول كۈچ مەنبەسى.
تارىختا، بۇ تۇپراقتىكى تاغلار ھەيۋەت، جىلغىلار چوڭقۇر بولۇپ، داۋانلاردىن ئۆتۈش تەس ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يۈننەن، گۇيجوۋ ئېگىزلىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تەبىئىي توسۇق راۋان يولغا ئايلاندى. «ئۈچ چى كېلىدىغان تەكشى يېرىمۇ بولماسلىق»تىن «كۆۋرۈك مۇزېيى»غىچە پولات - تۆمۈردىن ياسالغان غايەت زور كۆۋرۈك بىلەن جىلغا مەنزىرىسى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان زامانىۋى مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇشقۇن ئەمەلىيىتى ئەسلىدىكى بېكىنمە تاغلىق رايوننى ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلەندۈردى.
«ۋۇلىڭ تېغىنىڭ تۇتاش كەتكەن چوققىلىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ نەزەرىدە پەقەت يېنىك تەۋرىنىپ تۇرغان دولقۇندىن ئىبارەت، ھەيۋەتلىك ۋۇمېڭ تېغى قىزىل ئارمىيەنىڭ نەزەرىدە پەقەت بىر لاي كۇمىلاچتىن ئىبارەت.» غەربىي جەنۇبتىكى كۆز يەتكۈسىز تاغلار پارتىيەمىز كەلگەن چاغدىكى جاپاغا چىداپ ئىشلەش، قىيىن چاغلاردىكى چىن ئەسلىي مەقسىتىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.
مانا مەغرۇر ھالقىدۇق بىز ئېگىز تاغلار ئۈستىدىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىدى، كەلگۈسىگە نەزەر سالدى:
«تۇڭداۋدا ئەسكەر يۆتكەشتىن لىپىڭ يىغىنىغىچە، خوۋچاڭ يىغىنىدىن زۇنيى يىغىنىغىچە بۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھاياتلىق يولى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاياتلىق يولى، بۇ چوغ ساقلىنىپ قالغاچقا، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بار بولدى. ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە زۇنيى يىغىنى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك».
قارلىق چوققىلاردا ھاۋا ئېچىلىپ، ياپيېشىل تاغلار دېڭىزدەك تۈسكە كىرىپ، چەكسىز گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)