شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يۈننەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك
سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى
3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىجياڭ زامانىۋى گۈل - گىياھ كەسىپ باغچىسىنىڭ ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈش رايونىدا، نەق مەيداندىكى كەنت ئاھالىلىرى، تېخنىك خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئاھالىلەر، ساياھەتچىلەر بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۈننەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يۈننەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.
3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ نىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ يۈبونىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لىجياڭ، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىجياڭ زامانىۋى گۈل - گىياھ كەسىپ باغچىسىغا كەلدى. كۆرگەزمە زالىدا، ئۇ يېڭى ئۈزۈلگەن ئەتىرگۈل، ماتىليەن گۈلى سورتى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، يۈننەننىڭ گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈش رايونىدا، ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، نەق مەيداندىكى كەنت ئاھالىلىرى، تېخنىك خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ يەنە ئەتىرگۈلنى دەرىجىگە ئايرىپ ئوراپ قاچىلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كېلىپ، تاللاش، دەرىجىگە ئايرىشتىن ئوراپ قاچىلاش، مال تارقىتىشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى ئۈزۈلگەن گۈلنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق ۋاقتىدا سىرتقا سېتىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۈننەننىڭ گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇرۇقچىلىق ھالقىسى، تېرىقچىلىق ھالقىسى، بازار ھالقىسىدىن چىقىش قىلىپ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، بۇ «گۈزەل كەسىپ»نى ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان «بەخت كەسپى»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەتىيازدىكى بىر قېتىملىق قاردىن كېيىن، لىجياڭدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، ناشى مىللىتىنىڭ تۇرالغۇ ئالاھىدىلىكى ۋە شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر باش شۇجىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، بەس - بەستە ئەھۋال سورىدى، بەزىلىرى يەنە ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ باش شۇجىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن ئارقا - ئارقىدىن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇكانلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئىگىلىدى. ئۇ شۇ جايدىن قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ گۈزەل قەدىمىي شەھەرنى جۇلالاندۇرۇپ يېڭى نۇر چاقنىتىشنى تەلەپ قىلدى.
قەدىمىي شەھەر ئىچىدىكى مۇشى تۇسى قەسىرى يامۇل مەھكىمىسى غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىغا گۇۋاھ بولۇپ كەلدى. شى جىنپىڭ مۇشى قەسىرىدىكى ئاساسلىق ئىمارەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، ناشى مىللىتىنىڭ دۇڭبا مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇشى قەسىرىدەك بۇنداق مۇھىم مەدەنىيەت يەر بەلگىلىرىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئاڭلىق مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئايرىلىدىغان چاغدا، نۇرغۇن ئاھالە ۋە ساياھەتچى چۆرىدىشىپ كېلىپ باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: لىجياڭدا گۈزەل مەنزىرە، خاس مەدەنىيەت بار، تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، چوقۇم سىجىل ساغلام بولغان مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقالايدۇ. ئۇ لىجياڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ناشى مىللىتىدىكى «和» فامىلىسىگە ئوخشاش بەختلىك، خاتىرجەم، ئىناق، گۈزەل بولۇشىنى تىلىدى.
3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، يۈننەننىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت. ھەرقايسى جايلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئاساسىي شارائىتى قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يۈننەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئېگىزلىك خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەسىپلەرنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۈننەننىڭ رايون ئورنى شارائىتى ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن تەسىر كۆرسىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك بەرپا قىلىپ، قاتناش - ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئۇچۇر قاتارلىق چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۈننەننىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورنى مۇھىم، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان يەر سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شېغىللىشىش، سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىش ھەم كىچىك ۋادىلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن نۇقتىلىق كۆللەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۈننەندە مىللەت كۆپ، چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەر تەرەپلىمە گىرەلەشكەن ئەمەلىيەت يولىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە رەھبەرلىكى ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىر جاينىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇش - بولماسلىقىغا قاراشتا بىر مۇھىم تەرەپ دەل سىياسىي ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىغا قاراش. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، ئىستىلى دۇرۇس بولۇشى، ئادىل ئىش قىلىشى، ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل ساپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتقا ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىقى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام جازاسىغا ئالاقىدار قائىدە - نىزاملارنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، مەركەزلىك تۈزەش ئۈچۈن ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، دادىللىق بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.
خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.
3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كۇنمىڭدا كۇنمىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شاڭشياۋدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار، مەمۇرىي خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن كۇنمىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.