تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغاندا، ئارخىپنى قەيەرگە قويۇش كېرەك؟

مەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى ئىدىم، ئارخىپىمنى قەيەرگە قويسام بولىدۇ؟

    «كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە دائىر بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەل(چېگرا سىرتى)گە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كادىرلار ئارخىپى كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىغا تەۋە بولىدۇ.

   ئۇلارنىڭ ئارخىپىنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار مۇلازىمەت مەركىزى ساقلايدۇ.

ئارخىپ شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا بولسا، ئېچىلىپ كەتكەن بولسا، يەنە ساقلىغىلى بولامدۇ؟

   ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئارخىپىنى ئالىي مەكتەپ شۇ كىشىنىڭ خىزمەت ئورنىغا ياكى كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، شەخسلەر ئۆزى ئېلىپ يۈرسە ۋە ساقلىسا بولمايدۇ!

   ئەسلىي ئوقۇغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ پېچەتلىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى قەيەردىن تەكشۈرىمىز؟

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتىدە 

يەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا قاراشلىق كۆچمە خادىملار كادىرلار ئارخىپى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنغان

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر https//www.mohrss.gov.cnغا چىقىپ، ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

ساۋما قىلسىلا تەكشۈرگىلى بولىدۇ

«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.