2025-يىلى «بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش يىلى»نىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەتىياز پەسلىدە ئورۇقلاش يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلاندى. 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ئائىلىسىدە «كىچىك بودەك»لەر بارلار ياكى بالىسىنىڭ «كىچىك بودەك»كە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاتا-ئانىلار بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىلمىي چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، بالىلارنى ساغلام تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈرۈشى كېرەك.
سېمىزلىك بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى، سۆڭەك، مۇسكۇللىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە بىلىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى، يۈرەك-قان تومۇر سىستېمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قاتارلىقلارغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) مەكتەپ سەھىيە بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: سېمىزلىك پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بالىلاردىكى سېمىزلىك كۆپ خىل ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى