يېقىندا، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ گۇاڭدۇڭ كەشتىسى كۇرژۇكى سىنىپىدا، گۇاڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇن ۋېنپىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەشتە تىكىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 2025-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، گۇاڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە گۇاڭدۇڭ كەشتىسى، قەغەز قىيىش ماھارىتى دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۇرۇقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى ھەم گۇاڭجوۋ شەھىرى بىلەن كوناشەھەر ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت رىشتىسىنى باغلىدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ نەن)
ئوقۇغۇچىلار «گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرمەكتە» دېگەن خەتنى كەشتىلىمەكتە. ھازىر، ئىككى كۇرژۇك 120دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىجاد قىلدى.

گۇاڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللىكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لۇ ۋەنجىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەغەز قىيما قىيىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى