3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) چىڭگېداخۇ يېزىسىنىڭ شىنليەن كەنتىدە، تېرىقچىلار مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىكى ئىسسىق چىقىرىدىغان شامالدۇرغۇچنى تەڭشىمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسىنىڭ قازاق يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جى شىنرۇي مۇنداق دېدى: «مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىغا توك بىلەن ئىسسىيدىغان ئىسسىق چىقىرىدىغان شامالدۇرغۇچ ئىشلىتىپ پۇلنى تېجىدۇق، خاتىرجەم بولدۇق، كۈچنى تېجىدۇق، ئىلگىرىكى كۆمۈر قالاپ تېمپىراتۇرىنى ئۆرلىتىشكە سېلىشتۇرغاندا، ھوسۇل %20تىن %30كىچە ئاشتى».

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسىنىڭ قازاق يېڭى كەنتىدە، تېرىقچىلار ۋە كەنت كادىرلىرى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا لازا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسىنىڭ قازاق يېڭى كەنتى، چىڭگېداخۇ يېزىسىنىڭ شىنليەن كەنتىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، توكلۇق سۇ ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى، ئېلېكتىر پار قازان، ئىسسىق چىقىرىدىغان شامالدۇرغۇچ «نۆۋەت بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ»، پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 30 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلىدى. بەزى پارنىكلاردا يەنە مايسىلارنى ئاپتوماتىك پۈركۈپ سۇغىرىش سىستېمىسى بار بولۇپ، كونۇپكىنى بېسىپلا سۇغارغىلى بولىدىغان بولدى.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) چىڭگېداخۇ يېزىسىنىڭ شىنليەن كەنتىدە، تېرىقچىلار مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا مايسىلارنى ئاپتوماتىك پۈركۈپ سۇغىرىش سىستېمىسىنى يىراقتىن تىزگىنلىمەكتە.
ھازىر، تۈرلۈك «پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى» شىچىن، خاڭگا، شوخلا، چەيزى، لازا، ئاچچىق كاۋا، بەيلەنگۇا قاتارلىق 20 نەچچە خىل كۆكتات مايسىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ قوشماقتا.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسىنىڭ قازاق يېڭى كەنتىدە، مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىكى لازا مايسىلىرى توك پارنىڭ تەكشى ئىسسىتىشىدا تەكشى ئۆسمەكتە.
«كەنتىمىزدىكى 32 پارنىكنىڭ ھەممىسىدە توك پار ئارقىلىق مايسا يېتىشتۈرۈلىدۇ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لازا مايسىلىرى كۆچۈرۈپ تىكىلىدۇ، 6-ئاينىڭ ئاخىرى تۇنجى پىشقان يېڭى لازىلار بازارغا سېلىنىدۇ، بىر مو يەردىن 4000-3000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئېشىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات تەمىناتىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى قازاق يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ ۋېيدۇڭ.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى قازاق يېڭى كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى