ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋىرى) بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە، مەيلى لەڭمەن، پولۇ، سامسا، نان قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەر ياكى ئاسما كاۋاپ، قوۋۇرغا كاۋاپ، دۈملەپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى، لازىجى قاتارلىقلار بولسۇن، ھەممىسىگە بىر نەچچە قاچا قېتىق ۋە بىر چەينەك قىزىل چاي ماسلاشتۇرۇلىدۇ. قارىماققا مايلىق، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى تاماقلار بىلەن تولغان تاماق ئۈستىلىگە ئەجدادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى يوشۇرۇنغان. تۆۋەندە، بىز شىنجاڭ كىلىنكىلىق ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فەن ۋېن بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭلىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان قېتىق ۋە قىزىل چاي بىلەن رەسمىي تونۇشۇپ چىقايلى.
شىنجاڭلىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىدا قوي، كالا گۆشى ۋە نان قاتارلىق ئۇن تاماق ئاساس قىلىنىدۇ، ياغ بىلەن ئاقسىلنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى؛ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەكلەردە كۆكتاتنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، يېمەكلىك تالاسى نىسبەتەن يېتەرسىز؛ تۇزلانغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قېزا ۋە كۈچلۈك تەم تەڭشىگۈچلەر بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، تۇز تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى.
قېتىق تەركىبىدىكى پايدىلىق باكتېرىيە، مەسىلەن، بۇلغارىيە سۈت تاياقچە باكتېرىيەسى ياغ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۆش يېگەندىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان ئۈچەي يولىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ؛ كالتسىي (100gنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 120mg بار) يۇقىرى فوسفورلۇق يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ؛ سۈت ئاقسىلى يېمەكلىكلەرنىڭ ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئاشۇرىدۇ. ئېچىتىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان سۈت كىسلاتاسى يېمەكلىك تەركىبىدىكى ياشياۋئەن قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى يوشۇرۇن ماددىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ يەرلىك قېتىقىدا ئالاھىدە باكتېرىيە تۈپى بار بولۇپ، قاندىكى ماينى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
قىزىل چاي تەركىبىدىكى تېئوفىللىن خولېستېرىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تورمۇزلايدۇ، تېئوفىللىن ئۆت كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خولېستېرىننىڭ مېتابولىزمىنى تېزلىتىدۇ، تاننىن كىسلاتاسى يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ئىئونى بىلەن بىرىكىپ، ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. قارا چاي تەركىبىدىكى تېئافلاۋىن كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ يېمەكلىكلىرىدىكى ھايۋانات مېيى بىلەن بىرىكىپ «خېلات تەسىرى»نى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈچەي يولىدا خولېستېرىننى ئوراپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. ئالاقىدار تەجرىبىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تاماقتىن كېيىن 500ml قېنىق قىزىل چاي ئىچسە، قاندىكى ماينىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى %18 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
2021-يىلى «ئاسىيا كلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى»نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇدا ئالتە ھەپتە ھەر كۈنى 300ml يەرلىك قېتىق ئىچىپ بەرسە LDLنى %12تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن؛ تاماقتىن كېيىن 250ml قىزىل چاي ئىچىپ بەرسە تىرىگلىتسېرىدنىڭ چوققا قىممىتىنى %18 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن؛ ئىككىسى بىرلەشتۈرۈلسە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇش خەۋپ-خەتىرى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى %27كە يېتىدىكەن.
2023-يىلى «ئوتتۇرا ئاسىيا ئوزۇقلۇق ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قېتىق + قىزىل چاي يېمەك-ئىچمەك ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرغان شىنجاڭدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىدا بۇتانات ھاسىل قىلىدىغان باكتېرىيە تۈپىنىڭ مىقدارى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭكىدىن %47 يۇقىرى ئىكەن، بۇتانات دەل قان شېكىرىنى تەڭشەپ، ياللۇغنى تىزگىنلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ماددا ئىكەن. قېتىق بىلەن قىزىل چاينى شىنجاڭلىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىكى ئوزۇقلۇق تەڭشىگۈچى دېيىشكە بولىدىكەن.
«بىز قېتىق تاللىغاندا، ئالدى بىلەن شېكەرسىز ئېچىتىلغاننى تاللىشىمىز، تەمى چۈچۈمەل كەلگەن قېتىققا شېكەر قوشۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك». فەن ۋېن مۇنداق دېدى: چاي ئىچكەندە، قاينىتىش ۋاقتىنى (10 مىنۇتتىن ئاز) كونترول قىلىپ، فتورنىڭ زىيادە ئېرىپ كېتىش خەۋپىنى ئازايتىشىمىز كېرەك. تائاملارنى ماسلاشتۇرۇشتا نوقۇت، چامغۇر قاتارلىق يەرلىك ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىپ، تەڭپۇڭلۇق ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى