تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن ئېنىق بېكىتتى، ئۆلچەم ئۆستۈرۈلىدۇ!

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە تەن ساپاسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2025-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، بىڭتۇەننىڭ قۇۋۋەت تامىقى ياردەم پۇلى ئۆلچىمى دۆلەت ياردەم پۇلى ئاساسىدا، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە ئىككى يۈەن كۆپەيتىلىپ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئەسلىدىكى بەش يۈەندىن يەتتە يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن يىللىق مەكتەپتىكى ۋاقتى 200 كۈن بويىچە ھېسابلىنىپ، 2025-يىلى سېلىنما 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيتىلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم قۇۋۋەت تامىقى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، چۈشلۈك تاماق شەكلىدە بىر گۆشلۈك قورۇمىنى ياكى تاماق تەركىبىدىكى گۆش مىقدارىنى كۆپەيتىش، تۇخۇم، كالا سۈتى، قېتىق، مېۋە-چېۋە قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  يېڭى ئۆلچەم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كېرەكلىك خىراجەتنى بىڭتۇەننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدىكەن، يولغا قويۇش دائىرىسى دۆلەت پىلانىدىكى مەكتەپلەر، يەرلىكنىڭ پىلانىدىكى مەكتەپلەر (رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى بىڭتۇەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، بىڭتۇەن مالىيە ئىدارىسى، بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى، بىڭتۇەن سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، بىڭتۇەن بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق بىلەن بىرلىكتە «بىڭتۇەننىڭ تۇەن-مەيدانلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ھوقۇق بىردەك بولغان خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە مال بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاشتىن تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى قاتتىق كونترول قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يولغا قويۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەم «تويغۇدەك تاماق يېيىش»، ھەم «ياخشى يېيىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بىڭتۇەن يەنە «ئالاقە تورى + ئوچۇق ئاشخانا» يېمەكلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى سىستېمىسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ، نەپكە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى، تاماق يېيىش كۈنى، مەبلەغ ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۇدۇللۇق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى ۋە «تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، «تاماق ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتى»نى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ قىلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.