« سۆز- جۈملىلەرگە بېرىلگەن ئىزاھاتتىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025- يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشىدىكى خەلقچىل قەلبكە نەزەر» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋەر (2)
● ئەمەلىي ئىشنىڭ مەزمۇنى ●
ئاممىنىڭ يول يۈرۈش تەسىراتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش
شەھەر ئەتراپىدىكى يول تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى شىسەن جەنۇبىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق شەھەر رايونىغا تېز كىرىپ- چىقىدىغان يول ۋە ھەرقايسى يوللارنى تۇتاشتۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىپ- چىقىش سەپىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىنىدۇ. «T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول»دىن يەتتىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىكى نۇقتىلىق يول ئېغىزلىرىدا قاتناش تەشكىللەش ۋە قاتناش بەلگە چىراغلىرىنى سەپلەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شەھەر رايونىدا راۋان يول يۈرۈش ئۈنۈمى سىجىل ئاشۇرۇلىدۇ. يېزا تاشيولىدىن 14ى رېمونت قىلىنىپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، يېزا تاشيوللىرىدا بىخەتەر يول يۈرۈش شارائىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىن ئاز دېگەندە 20سى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەڭشىلىپ، كونا ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن ئاز دېگەندە 1200ى يېڭىلىنىپ، 249 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنىڭ يول ئۇچۇرىنى ھەر ۋاقىت سۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يول يۈرۈش تەسىراتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يەر ئۈستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئونى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 2000دىن ئارتۇقى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، كونا ئولتۇراق رايون ئەتراپىدا چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 1000ى كۆپەيتىلىدۇ. شارائىتى يار بېرىدىغان ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھويلىلىرىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى تاللىنىپ، ئاز بولغاندىمۇ 6000 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئاجرىتىلىپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دائىملىق ھەقسىز سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىنىدۇ.
● خەلقنىڭ ئارزۇسى ●
يول يۈرۈش تەسىراتى ئاممىنىڭ شەھەردە ئېرىشىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتلىرىنىڭ بىرى. مەيلى قاتناش، مال سېتىۋېلىش ياكى ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بولسۇن، يول يۈرۈش تەسىراتىنىڭ ياخشى- يامان بولۇشى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە شەھەرنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
«مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ئىشقا بېرىپ- كېلىش يولىدا قاتناشنىڭ راۋان بولۇش- بولماسلىق مەسىلىسى، يول راۋان بولسا، كەيپىياتمۇ ياخشى بولىدۇ». قەشقەر شەرقىي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىسى ليۇ جيايى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025- يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى ئېلان قىلىندى» دېگەن خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىكى نۇقتىلىق يول ئېغىزلىرىدا قاتناشنى تەشكىللەش ۋە قاتناش بەلگە چىراغلىرىنى سەپلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر رايونىدىكى يوللاردا راۋان يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش» دېگەن مەزمۇندىن ئۈمىدلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى قاتناش ساقچى تارمىقىغا مىدۇڭ جەنۇبىي يولى بىلەن قەشقەر شەرقىي يولى كېسىشىدىغان يول ئېغىزىدا شەرق- غەرب يۆنىلىشىدىكى يېشىل چىراغنىڭ يېنىش ۋاقتىنىڭ بەك قىسقا، قىزىل چىراغنىڭ يېنىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزاق ئىكەنلىكىنى، قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە بۇ يول ئېغىزىدا قىزىل چىراغ ئۈچ، تۆت قېتىم يېنىپ ئۆچكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆتەلەيدىغانلىقىمنى، قىزىل، يېشىل چىراغنىڭ يېنىش ۋاقتىنى تەڭشەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئىنكاس قىلغانىدىم. ئويلىمىغان يەردىن، قاتناش ساقچى تارمىقى ئىنكاسىمغا ناھايىتى تېزلا جاۋاب قايتۇردى ھەمدە نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ يول ئېغىزىدىكى قىزىل، يېشىل چىراغنىڭ يېنىش ۋاقتىنى تەڭشەپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى كۆردۈم، بۇنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول»لار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغاندا تاكسى شوپۇرى جاڭ يوۋشىن مۇنداق دېدى: «كاڭدۇڭ كوچىسى ئىلگىرى توپىلىق يول ئىدى، بۇلتۇر تۆت ئاپتوموبىل ماڭالايدىغان ئازادە يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن بىۋاسىتە شەرقىي 2- ئايلانما يولىغا چىققىلى بولىدۇ، ئايلىنىپ ماڭمايدىغان بولدۇق». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا ئۈرۈمچى نۇرغۇن «نەپ يەتكۈزىدىغان ھەم ئەمەلىي بولغان» خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، مەسىلەن: قاتناشنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە، لۇشەن كوچىسى- ۋېيتەي يولى تۈگۈنىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋاقتى ئاز دېگەندە بەش مىنۇت قىسقاردى، قارىماققا بۇ كىچىككىنە بىر ئۆزگىرىشتەك قىلسىمۇ، بىراق كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتنى تېجەپ بەردى، بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ «نەپ يەتكۈزىدىغان ھەم ئەمەلىي بولغان» تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىنچىكە ھالقىلاردىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى ليۇ شياۋدۇڭ ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، سودا چەمبىرىكى ئەتراپىدا ئىشلەيدىغان ليۇ شياۋدۇڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دائىملىق ھەقسىز ئېچىۋەتكەنلىكىنى ناھايىتى ئالقىشلىدى.ئۇ مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى مەزگىلىدە ھەقسىز ھەمبەھرىلىنىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ قولايلىقلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ پايدىلىق سىياسەتنىڭ دائىملىق يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، بەك خۇشال بولدۇم. يول بويىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ تاللىشىغا سۇنۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ھەربىر كىشىگە يول يۈرۈشنىڭ بارغانسېرى قولايلىشىپ، تۇرمۇشنىڭ بارغانسېرى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما لىن مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەلدىم، يېزا تاشيوللىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىپ ياساش بىز ئۈچۈن بىر خۇش خەۋەر. يول ياخشىلانسا، بىخەتەر يول يۈرۈش شارائىتىمىزمۇ ياخشىلىنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ھاۋا ئاستا- ئاستا ئىللىشقا باشلىدى، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، يوللىرىمىزنىڭ يېڭى قىياپەتكە كىرىشىگە ناھايىتى تەقەززا بولۇۋاتىمىز».
● ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى ●
شەھەر يوللىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاممىۋى قاتناشنى ئەلالاشتۇرۇش، كونا ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنى يېڭىلاش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش... ئۈرۈمچى «ئاممىنىڭ يول يۈرۈش تەسىراتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش»نى چۆرىدەپ، ئىشنى ئامما يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار»دىن باشلاپ، قاتناش تورىنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قاتناش قوراللىرىنىڭ دەرىجىسى قاتارلىقلارنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى.
«T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول» قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان «قان نوكچىسى»، ئۇ دائىم شەھەر يول تورىدا ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈرۈمچى بۇ يىل «T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول»لارنى سىجىل ئېچىپ، غول يول، 2- دەرىجىلىك غول يوللارنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ شيەنسې مۇنداق دېدى: «T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول»دىن يەتتىسى ئاساسلىقى سايباغ رايونى ۋە ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان بولۇپ، سايباغ رايونى جىنيۈ ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى يولىنى يېڭىدىن ياساش قۇرۇلۇشى، سايباغ رايونى يۈلۇڭ ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى يولىنى يېڭىدىن ياساش قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلەر باغچىسى يانداش يولى ۋە تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى رايونىدىكى بەش يولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىندا شەھەر رايونىدىكى ئىككى دەرىجىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى بۇ يىل راۋانلاشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن «T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول»لارنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، شارائىت ھازىرلانغاندا دەرھال يولغا قويىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دىققەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان يوللارنى ئەلالاشتۇرۇش تەكلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، ھەرقايسى رايونلارمۇ بىر تۈركۈم مىكرو ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى رەتلەپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا، راۋانلاشتۇرۇلىدىغىنى پەقەت يوللا ئەمەس، ئاشۇرۇلىدىغىنى پەقەت ئاپتوموبىل سۈرئىتىلا ئەمەس.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چى مۇنداق دېدى: قاتناش ساقچى تارمىقى شەھەر قاتناش مۇھىتىنى پائال ياخشىلاپ، پۈتۈن شەھەر يولىنىڭ ئەمەلىي قاتناش ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، «ئىنچىكە، سەر خىل، يېڭى» بىرىكمە قاتناشنى ئەلالاشتۇرۇش لايىھەسىنى سىجىل يولغا قويۇپ، «مىكرو ئوپېراتسىيە» ئارقىلىق «نۇقتا، لىنىيەنى راۋانلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون قاتنىشىدا ئومۇمىي يول يۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭىيىشىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىنىڭ بىر ئۇچى شەھەر تەرەققىياتىغا، يەنە بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىگە تۇتىشىدۇ.
ئىككى كۈندىن بۇيان، سىپىڭ يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ليۇ شۆمېي ئۆزى دائىم ئولتۇرىدىغان 73- يول ئاپتوبۇسىنىڭ قىزىل رەڭدە سىرلانغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇسقا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ھاۋا تەڭشىگۈچى بار، ئورۇندۇقى يۇمشاق، يەنە يان تېلېفونغا توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن، بۇنى ئالقىشلايمىز!
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى تىجارەت- تىرانسپورت مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چىن خۇڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز بۇلتۇر 12- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ئارقا- ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈردى، بۇ يىل 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە 539 ئاپتوبۇسنى يېڭىلاپ تىجارەت- تىرانسپورتقا كىرىشتۈردى. بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلدىن 108نى يېڭىلاپ، ئاپتوبۇسلارنىڭ كونا، توشۇش كۈچى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا يىنبىن يولى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 2- باسقۇچلۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك يۈرۈشلەشكەن توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى يولۇچى توشۇشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن يۈەندو مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى ۋە شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ياردەم پۇلى سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپتوبۇسلىرى يىل ئىچىدە باسقۇچقا بۆلۈپ يېڭىلىنىدۇ. بۇ قېتىم شىركەت ئاپتوبۇسلارنى يېڭىلاشتا ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، توسالغۇسىز يول يۈرۈش تەلىپىنى ئويلىشىپ، چىقىش ئىشىكى پەلەمپىيى پەسرەك بولغان، بىر پەلەمپەيلىك ئىشىكلىك ئاپتوبۇس تىپلىرى قاتارلىقلارنى تاللاپ، چاقلىق ئورۇندۇقلۇقلارنىڭ ئاپتوبۇسقا چىقىپ- چۈشۈشىگە قولايلىق ياراتتى، يەككە ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 300 كىلومېتىر، تېز توك قاچىلاش ھالىتىدە 30 مىنۇتتا %50 توك قاچىلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئاپتوبۇسلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەنئەنىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭكىدىن %25 تۆۋەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقىل ئاممىۋى قاتناش سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يان تېلېفون ئارقىلىق پۈتۈن شەھەردىكى 249 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى، 4000دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ بېكەتكە كىرىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بېكەتكە كىرىپلا ئاپتوبۇسقا چىقىش رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
ئاپتوموبىلنىڭ يىلدىن- يىلغا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» شەھەر باشقۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتا ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا لىنىيەسى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: دىققەتنى شەھەردە «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ يىل يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىشتە داۋاملىق ئاممىنىڭ ئېھتىياجى مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش بايلىقىنى پائال بىرىكتۈرۈپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھويلىلىرىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى نۇقتىلىق بايراملاردا سىرتقا ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دائىملىق ئېچىۋېتىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز.
ۋاڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، مېخانىزمنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرتىپنى ياخشىلاپ، بايلىقنى داۋاملىق بىرىكتۈرۈپ، ئېھتىياجنى تەڭشەپ، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە قېلىپلاشتۇرۇلۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ «ئاپتوموبىلنى ياخشى توختىتىش»ى، «ئاپتوموبىلنى ئاسان توختىتىش»ىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز.
ئۆزگىرىش شەھەر رايونىدىلا ئەمەس، يېزا- كەنتلەردىمۇ بولدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى پىلانلاش- قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خۇ خەيگاڭ مۇنداق دېدى: ياسالغىنىغا ئۇزاق يىل بولغان، ئادەم، ئاپتوموبىل كۆپ بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يول يۈزى بۇزۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئېغىر بولغان يېزا- كەنت يوللىرىنى بىر- بىرلەپ رەتكە تۇرغۇزدۇق ھەمدە شىمىگۇ رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى (قاتناش ئىدارىسى)، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىدىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ياردەم پۇلى مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا تاشيولىدىن 14نى ئۆزگەرتىشكە ئىشلەتتۇق، ئۆزگەرتىش مۇساپىسى 26.02 كىلومېتىرغا يەتتى. ھازىر بىز ۋەزىپە نىشانى بويىچە ئايلىق تەقسىملەش پىلانىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تۈزۈپ، ۋەزىپە نىشانىنى ئايلارغىچە ئىنچىكىلەشتۈردۇق، ھازىر قۇرۇلۇش چېرتىيوژىنى لايىھەلەش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇۋاتىمىز، 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئىش باشلاپ، 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى تاماملاپ قاتناش باشلاشنى پىلانلىدۇق. (مۇخبىر گو جۈنگې، ۋاڭ يۈەنيۈەن، جيا مېڭيەن، راۋ جۈنخۇا، لياڭ شۇفاڭ)