− «سۆز- جۈملىلەرگە بېرىلگەن ئىزاھاتتىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025- يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشىدىكى خەلقچىل قەلبكە نەزەر» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋەر (3)
ئەمەلىي ئىشنىڭ مەزمۇنى
مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش
ئاپتوموبىللارنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ۋە دۆلەتنىڭ 4- باسقۇچتىكى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى بويىچە ماي يېقىلغۇ قىلىنىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يېڭىلاشقا، دۆلەتنىڭ 3- باسقۇچتىكى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى بويىچە 1000دىن ئارتۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى شاللاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېڭىلاپ ئورنىغا دەسسىتىش، يېڭىدىن كۆپەيتىش پائال ئالغا سىلجىتىلىدۇ، يېڭىلانغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %55تىن تۆۋەن بولمايدۇ. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا چاڭ- توزاننى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، يول بۆلەكلىرىدىكى چاڭ- توزاننى قەرەللىك ھالدا ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر يوللىرىنى تازىلاش مەشغۇلات قېتىم سانى كۆپەيتىلىپ، چاڭ- توزاندىن بۇلغىنىش ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىدۇ. بىڭتۇەن، ئەتراپتىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان ئاتموسفېرا مۇھىتى بويىچە بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ماس ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
خەلقنىڭ ئارزۇسى
ھاۋا سۈپىتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغىنى ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
312 كۈن! 2024- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى تۇنجى قېتىم 300 كۈندىن ئېشىپ، كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇ بىر يىلدا كىشىلەر كۆك ئاسماننى سۈرەتكە تارتىپ، بۇ سۈرەتلەرنى ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، ئاتموسفېرانى تۈزەش نەتىجىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.
«ئىلگىرى قىش پەسلىدە تۈزۈك سۈرەتكە تارتمايتتىم، ھازىر فوتو ئاپپارات ئارقىلىق گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ ساقلىۋالىدىغان بولدۇم» دېدى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى جاڭ لىخۇي ھاياجانلانغان ھالدا.
«يۇلتۇزسىز كېچە»دىن «كۆپكۆك ئاسمان»غىچە ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولغان كۆپكۆك ئاسمان شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى سۈرەتلەردە نامايان بولماقتا.
بۇ يىل 1- ئاينىڭ بېشىدا جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدىن مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى A دەرىجىلىك كارخانا مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلغانلىق خۇش خەۋىرى كەلدى.
جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى سۈپەت، ساغلاملىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش بۆلۈمىنىڭ 2- دەرىجىلىك مەسئۇلى لى پېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۈچ يىللىق <بىر كارخانىغا بىر تەدبىر> ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش لايىھەسىنى تاماملاپ، جەمئىي 580 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇلغىمىنى 2022- يىلىدىكىدىن 54 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەتتۇق».
ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تۈۋرۈك كارخانا، بۇ كارخانا ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت قوغداش بويىچە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزەش ۋە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.
«بىز يەنە مۇھىت قوغداش ئىلمىي تەتقىقاتى جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ يېڭى تېخنىكىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمەلىي قوللىنىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك بولۇشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى لى پېڭ.
بۇ بىرنەچچە يىلدا 58- يول ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى لى يۈەن يولدا كېتىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى.
لى يۈەن بۇ يىل 2- ئاينىڭ ئاخىرى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس ھەيدەشنى باشلىدى، «ئىلگىرىكىسى قول خوتلۇق گاز يېقىلغۇلۇق ئاپتوبۇس ئىدى، ئۇنى ھەيدەش جاپالىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئولتۇرغان يولۇچىلارنى بەك سىلكىۋېتەتتى. يېڭى ئاپتوبۇستا مەشغۇلات قىلىش قولايلىق، سۈرئەت تېز، ئۇنىڭدا يەنە USB توك قاچىلاش ئېغىزى، يۇمشاق ئورۇندۇق قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق، يولۇچىلار ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا تېخىمۇ راھەت ۋە بىخەتەر ھېس قىلىدۇ» دېدى لى يۈەن.
ھازىر ئاتموسفېرانى تۈزەش ئۈنۈمى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىگە ئايلاندى.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىدىكى دالىدا قونۇش ئورنىنى يۈرۈشتۈرۈۋاتقان ما لياڭ مۇنداق دېدى: «ئىشىكتىن چىقىپلا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ۋە كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان مەنزىرىلەرنى كۆرگەندە كەيپىياتمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. كەڭ تەبىئەتتىن، يېشىللىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئارام ئېلىش ئۇسۇلى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ساپ ھاۋا، گۈزەل مەنزىرىگە تايىنىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز».
ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى
مۇھىت − خەلق تۇرمۇشى، يېشىل تاغ − گۈزەللىك، كۆك ئاسمان − بەخت.
ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك مۇرەككەپ مۈشكۈل ۋەزىپە. خەلق ئاممىسىنىڭ كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتقا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىرادىنى ساقلاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يىلمۇيىل، ئايمۇئاي تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.
دۆلەتنىڭ 3- باسقۇچتىكى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى شاللاش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېڭىلاپ ئورنىغا دەسسىتىش، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا چاڭ- توزاننى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، شەھەر يوللىرىنى تازىلاش مەشغۇلات قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ماس ئالغا سىلجىتىش... ئۈرۈمچى شەھىرى ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كېسەلنىڭ يىلتىزىنى توغرا تېپىپ رېتسېپ يېزىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆك ئاسماننى يىلدىن- يىلغا تېخىمۇ سۈزۈلدۈرۈپ، ھاۋا سۈپىتىنى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتقا بولغان تەشنالىقىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شى خاۋلىڭ مۇنداق دېدى: ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولمايدۇ، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بولىدۇ. بۇ يىل پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ۋە ئۇششاق دانچىلارنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كەسىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى، كۈچنى كۆمۈر مەنبەسى، سانائەت مەنبەسى، كۆچمە مەنبە، شەھەر دائىرىسى مەنبەسىدىن تۈزەشنى چىڭ تۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە تۈزەش تۈرى ۋە نۇقتىلىق ساھە، كارخانىلارنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ 3- باسقۇچتىكى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى بويىچە دىزېل مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدىغان كونا يۈك ئاپتوموبىللىرىنى زور كۈچ بىلەن شاللاپ، چاڭ- توزان، بۇس قاتارلىق شەھەر دائىرىسى مەنبەسىدىن بۇلغىنىشنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەپ، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئاسمىنى دائىم كۆك بولۇش، ھاۋاسى دائىم ساپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى سودا تارمىقى ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ۋە ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاشقا پائال تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە شەخسىي ئىستېمالچىلار 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان بېنزىن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل، 2014- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان دىزېل مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل ۋە باشقا يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ياكى 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى بىراك قىلسا، بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق نورمىلىق ياردەم پۇلى 20 مىڭ يۈەن ياكى 15 مىڭ يۈەن بولدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يى ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش ئارزۇسىنى قوزغاپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.
چاڭ- توزان ھاۋا سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. چاڭ- توزاننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشىنى ئازايتىش ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچى «ئاقىل» قۇرۇلۇش ئورنى قوماندانلىق مەركىزىدىكى چوڭ ئېكراندا ئۈرۈمچىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈرلەرنىڭ سانى، چاڭ- توزاننى توردا كۆزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلار ھەر ۋاقىت كۆرسىتىلىپ تۇراتتى.
ئۈرۈمچى بىناكارلىق قۇرۇلۇش بازىرىنى يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت مەركىزى ئالدىن ئارىلاشتۇرۇلغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما چىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى چاڭ- توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز ۋە تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئاقىل قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ چاڭ- توزاننى كۆزىتىش- ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىنلىق كۆزىتىش- ئۆلچەش، چاڭ- توزاننى كۆزىتىش- ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ قۇراشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇراشتۇرۇپ ھەمدە ئاقىل قۇرۇلۇش ئورنى سۇپىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئورنىدا توردا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بىلەن تور سىرتىدا قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلۇش چاڭ- توزانلىرىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك، باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى رەتلەپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دائىملىق نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىمىز. «بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا چاڭ- توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئاتلىسى» تۈزۈپ، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى ساھە باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ساھە كارخانىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يېتەكچىلىك مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ چاڭ- توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئېڭى ۋە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چاڭ- توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.
ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى «بىر جۈپ قول، بىر سۈپۈرگە»گە تايىنىپ شەھەرنى «پەرداز قىلىپ ياساندۇرۇش»تىن بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا يەردە يۇيۇش- سۈپۈرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ماشىنا بىلەن تازىلىق قىلىش قاتارلىق زامانىۋى مۇھىت تازىلىقى ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى، شەھىرىمىز «ماشىنىنى ئاساس، ئادەم كۈچىنى قوشۇمچە قىلىش»تەك مۇھىت تازىلىقى مەشغۇلاتى يېڭى ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) مۇھىت تازىلىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نيۇ لىگۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز ماشىنا بىلەن تازىلاش مەشغۇلات كۈچى سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، مۇھىت تازىلىقى قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك قىلىپ، شەھەرنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى، ئوبرازىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز». (مۇخبىر گو جۈنگې، ۋاڭ يۈەنيۈەن، جيا مېڭيەن، لياڭ شۇفاڭ، گو لىڭ)