تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا بانكا ھالقىپ «رەنىگە قويۇلغان ھالەتتە نام ئۆزگەرتىش» بويىچە تۇنجى كەسىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى

  ئۈرۈمچىدە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا بانكا ھالقىپ «رەنىگە قويۇلغان ھالەتتە نام ئۆزگەرتىش» بويىچە تۇنجى كەسىپ 3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىلدى، بۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىشتا بانكا ھالقىغان «رەنىگە قويۇلغان ھالەتتە نام ئۆزگەرتىش» كەسپىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى نام ئۆزگەرتىشتە ساتقۇچى تەرەپ ۋاڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى بانكىسى (ئەسلىدىكى رەنە ھوقۇقى تەرەپ)دىن ئالغان قەرزنى تېخى قايتۇرۇپ بولالمىغان ئەھۋالدا، ئۆينى سودىگەر چاقىرىش بانكىسى (يېڭى رەنە ھوقۇقى تەرەپ)دا نىمكەش ئۆي رەنىلىك قەرز پۇل كەسپىنى بېجىرگەن ما ئەپەندىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، ساتقۇچى تەرەپ كەسىپ بېجىرگەن بانكا، سېتىۋالغۇچى تەرەپ كەسىپ بېجىرگەن بانكا، ساتقۇچى تەرەپ، سېتىۋالغۇچى تەرەپتىن ئىبارەت تۆت تەرەپ كېلىشىم ئىمزالاپ، ئاخىرىدا نىمكەش ئۆينى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تىزىملاش كەسپىنى بېجىرىپ، بانكا ھالقىپ «رەنىگە قويۇلغان ھالەتتە نام ئۆزگەرتىش» بويىچە تۇنجى كەسىپنى بېجىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان ئۆينىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشتە، ئالدى بىلەن قەرزنى قايتۇرۇپ رەنىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆينىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بولاتتى. «رەنىگە قويۇلغان ھالەتتە نام ئۆزگەرتىش» كەسپى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئامما ئەسلىدىكى قەرز پۇلنى قايتۇرۇش، يېڭى قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىش، رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىش، نىمكەش ئۆي سودىسى، ئۆي مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش قاتارلىق بەش تۈرلۈك كەسىپنى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرسە بولىدۇ، بۇ نىمكەش ئۆينىڭ بازاردىكى ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، «رەنىگە قويۇلغان ھالەتتە نام ئۆزگەرتىش»نى نىمكەش ئۆي سودىسى بازىرىدىكى يېڭى ئەندىزىگە ئايلاندۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى ھەرقايسى بانكا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، «رەنىگە قويۇلغان ھالەتتە نام ئۆزگەرتىش»كە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى چوڭقۇر قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ، «رەنىلىك نام ئۆزگەرتىش»نى بانكا ھالقىپ دائىملاشتۇرۇشنى كېڭەيتىدۇ. مۇلازىمەت تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش، ساقلانما يەرلەردىن جانلىق پايدىلىنىش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بازارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېجىرىش ۋاقىت چېكى 11 قېتىم قىسقارتىلغان، ھازىر ئۈرۈمچىدە كۆچمەس مۈلۈكنى تەكشۈرۈپ پېچەتنى بىكار قىلىش، رەنە ھوقۇقىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، باشقىچە پىكىرلەرنى تىزىملاش قاتارلىق كەسىپلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، كارخانا ۋە شەخسكە چېتىلىدىغان رەنە ھوقۇقى، دۆلەت ئىلكىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى تۇنجى قېتىم تىزىملاشنىڭ بېجىرىلىش ۋاقتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بىر، ئىككى، ئۈچ خىزمەت كۈنىدە بېجىرىلىپ بولۇشقا قىسقارتىلغان، باشقا تىزىملاش كەسپى بىردەك بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىلىپ بولىدىكەن. (مۇخبىر جياڭ بىنۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.