تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «15- مارت» كېچىلىكىدە بۇ توققۇز ئىش ئاشكارىلاندى

   3- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ «15- مارت» كېچىلىكى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان يىللىق كاتتا مەرىكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ كېچىلىك خۇددى ئۆتكۈر خەنجەرگە ئوخشاش بازاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن قىلمىشنىڭ ئەپتى- بەشىرىسىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر ۋە ناچار ھادىسىلەرنى ئاممىنىڭ قاراپ چىقىپ باھالىشىغا تاپشۇردى. مەسىلەن: يېڭىلاپ «قايتا سېتىلغان» ئاياللار تازىلىق قەغىزى، «قارا نىيەت رېمونتچى»، «ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا» ئارقىلىق يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ ئالدامچىلىق قىلىش، ئۆلچەملەشمىگەن توك سىمى كابېلى... بۇ مىساللار پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىستېمال بىخەتەرلىكى ۋە بازار قائىدىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ھوشيارلىقىنى ئۆستۈردى.

   بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھەلەرمۇ كۆپ خىل شەكىلدىكى «15- مارت» خەلقئارا ئىستېمالچىلار ھوقۇق- مەنپەئىتى كۈنى باش تېما پائالىيەتلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرگە ھەقىقىي ياكى ساختىلىرىنى پەرقلەندۈرىدىغان تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك «ئەپچىل چارە»لەرنى ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

3- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى CCMALL سودا سارىيىدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. نەق مەيداندىكى ئامما قىزىقارلىق ئويۇنلارغا قاتنىشىپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرىنى ئىگىلىمەكتە. (مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)

شىنجاڭ تورى تەتقىقات- ئۆگىنىش كوللېكتىپىدىكى بالىلار 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۈرۈمچى بېيجىڭ يولىدىكى خۇيجيا دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «15- مارت» خەلقئارا ئىستېمالچىلار ھوقۇق- مەنپەئىتى كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكتە. (مۇخبىر شى لېي فوتوسى)

3- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋەندا مەيدانىدا «15- مارت» خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.(مۇخبىر لى نىڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەدىبە ئەركىن فوتوسى)

3- ئاينىڭ 14- كۈنى، خەلقئارا سودا شەھەرچىسى شىنچى مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بەي لۇ (ئوڭدا) چاڭجياڭ يولى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئورنىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم بىلەن بىللە تاۋارلارنى تەكشۈرمەكتە. (مۇخبىر گەي يۈ فوتوسى)

3- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچى تىيانشان رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى CCMALL سودا سارىيىدا قانات يايدۇرغان قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداش تەشۋىقات پائالىيىتىدە، ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ خىزمەتچىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە قانۇن بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. (مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)

كىچىك قىزچاق 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۈرۈمچى بېيجىڭ يولىدىكى خۇيجيا دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «15- مارت» خەلقئارا ئىستېمالچىلار ھوقۇق- مەنپەئىتى كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگەنمەكتە. (مۇخبىر شى لېي فوتوسى)

   1. نۇرغۇن داڭلىق ماركىغا چېتىلىدۇ! ئاياللار تازىلىق قەغىزى، قەغەز زاكىلارغا ناچار ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن، ھەتتا يېڭىلىنىپ «قايتا سېتىلغان»

   ئىستېمالچىلارنىڭ پاش قىلىشىچە، جىنىڭ شەھىرى لياڭشەن ناھىيەسىگە جايلاشقان «لياڭشەن شىشى قەغەز بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» سۈپىتى ناچار ئاياللار تازىلىق قەغىزى، بوۋاقلار قەغەز زاكىسى قاتارلىقلارنى ناھايىتى كۆپ مىقداردا ساتقان. مۇخبىر مال زاكاز قىلىشنى باھانە قىلىپ، شىركەت مەسئۇلى ليۇ باش دىرېكتور بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ كارخانىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كەسپىنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش، يەنى قەغەز زاكا ۋە ئاياللار تازىلىق قەغىزى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردىن كېرەكسىز، سۈپەتسىز مەھسۇلات، تاشلاندۇقلار قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

   مۇخبىر زاۋۇت رايونىدا ئوراپ قاچىلانغان بىر دۆۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەخلەتلىرىدىن سىرتقى كۆرۈنۈشى نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان مەيكۇكۇ بوۋاقلار زاكا ئىشتىنى ۋە زىيوۋديەن تازىلىق قەغىزىنى تېپىپ چىققان. ليۇ باش دىرېكتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مۇنتىزىم كارخانىلارنىڭ ئەسلىدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە تېگىشلىك لاياقەتسىز مەھسۇلاتلىرىنى بىر توننىسىنى 260 يۈەندىن 1400 يۈەنگىچە باھادا سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئانچە بۇزۇلۇپ كەتمىگەنلىرىنى تاللاپ چىقىپ ساتىدىكەن.

   مۇخبىر شىشى قەغەز بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىدا ئىشچىلارنىڭ زاكا ئىشتانلارنى كۆپكەن ھالەتكە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئانا- بالىلار بۇيۇملىرى داڭلىق ماركىسى بولغان يۈەنشى ۋە جۇڭيىيۈنيىڭ ماركىسىدىكى بوۋاقلار زاكا ئىشتىنى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.

   مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ساھە قائىدىسى بويىچە مۇنتىزىم بولغان بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان تازىلىق بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە شاللىۋېتىلگەن سۈپەتسىز مەھسۇلات، تاشلاندۇقلار قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەخلەتلىرىنى پارچىلاپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا ليۇ باش دىرېكتور ئۆزىنىڭ بۇ خىل سودىنى قىلالىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، دۆلەت ئىچىدىكى بازار ۋە بارلىق پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتقان.

   مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا خاۋجى، مىفېي، Babycare قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق بوۋاقلار زاكا ئىشتىنى ۋە «2- دەرىجىلىك مەھسۇلات» زىيوۋديەن داڭلىق ماركىلىق ئاياللار تازىلىق قەغىزىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن مال ئالغۇچىنى ئۇچراتقان، ئۇ مۇخبىرغا بۇ ماللارنى ئۆزى ئىشلىتىش بىلەن بىللە توردىمۇ ساتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن باشقا، ليۇ باش دىرېكتور مۇخبىرغا يەنە «2- دەرىجىلىك مەھسۇلات»تىن ئېشىپ قالغان ئەخلەتلەردىمۇ پۇل تېپىش ئۇسۇلى بارلىقىنى ئېيتقان. بىر سېختا ھەر خىل ماركىدىكى ئاياللار تازىلىق قەغىزى، قەغەز زاكا ئىشلەپچىقىرىش ئەخلەتلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە چۈەنميەن شىدەي، سۇ فېي قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار كۆپ بولۇپ، بۇ ئەخلەتلەر پارچىلانغاندىن كېيىن قايتىدىن ياغاچ بوتقىسى، سۇ سۈمۈرىدىغان يۇقىرى مولېكۇلالىق دەرەخ يېلىمى قاتارلىق بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان تازىلىق بۇيۇملىرىنىڭ خام ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن. ليۇ باش دىرېكتور مۇخبىرغا يىغىۋېلىنغان بۇ ماتېرىياللارنىڭ بازاردا خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ ئاياللار تازىلىق قەغىزى، قەغەز زاكا ئىشلەپچىقىرىش ئەخلەتلىرىنىڭ بىر قىسمى «2- دەرىجىلىك مەھسۇلات» سۈپىتىدە تاللىنىپ بازارغا سېلىنىپ بىۋاسىتە سېتىلىدىكەن، ئېشىپ قالغان قايتا تاللاپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قىسمى ماشىنىغا سېلىنىپ يىغىۋېلىنغان ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارغا كىرگۈزۈلىدىكەن.

   2. بىر قېتىملا كىيىلىدىغان كالتە ئىشتاننىڭ سۈپەتسىزلىكى ئاشكارىلاندى! بىر قېتىملا كىيىلىدىغان كالتە ئىشتان ياسىلىش جەريانىدا مىكروبسىزلاندۇرۇلمايدىكەن

   «كاماندىروپكىغا، ساياھەتكە چىققاندىكى يېڭى تاللاش»، «EO مىكروبسىزلاندۇرۇلغان، يۇيمايلا بىۋاسىتە كىيىشكە بولىدۇ»، «باكتېرىيە چەكلەش نىسبىتى %99كە يېتىدۇ» يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بىر قېتىملا كىيىلىدىغان كالتە ئىشتان قولايلىق، پاكىز دەپ قارىلىپ، بازار تاپتى. بازىرى ئىتتىك بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە راستتىنلا شۇنداق ئىشەنچلىكمۇ؟

   2025-يىلى 1- ئايدا، مۇخبىر شاڭچيۇ شەھىرىگە كەلدى، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىيىم- كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان بىر قېتىملا كىيىلىدىغان كالتە ئىشتان پاكىز ئەمەسكەن، مىكروب ئۆلتۈرەلمەيدىكەن. مەھسۇلات ئورالمىسىغا «پاختا» دەپ يېزىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە «دىلۇن» ئىشلىتىلگەنىكەن، بىر قېتىملا كىيىلىدىغان بىر قىسىم كالتە ئىشتانلارغا كارخانا «ساپ پاختا» دەپ يازغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ئىكەن. مۇخبىر مال سېتىۋالىدىغان تىجارەتچى سالاھىيىتى بىلەن مېڭياڭ كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن. خىزمەتچى خادىملار مۇخبىرنى باشلاپ قاراڭغۇ، تار پەلەمپەي ئارقىلىق شىركەتكە ئەكىرگەن.

   مۇخبىر شاڭچيۇ شەھىرى يۈچېڭ ناھىيەسىدىكى ئون نەچچە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى زىيارەت قىلىپ، سېخلاردا تەرتىپسىز ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قېتىملا كىيىلىدىغان كالتە ئىشتانلارنىڭ خالىغانچە دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقىنى، خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈستىلىدىلا تاماق يەيدىغانلىقىنى، سېختا ئىشچىلارنىڭ پۈركۈگۈچ بىلەن كالتە ئىشتانغا بىر خىل سۇيۇقلۇقنى پۈركۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

   كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلار بىر قېتىملا كىيىلىدىغان كالتە ئىشتانلارغا پۈركىگەن سۇيۇقلۇق ئەمەلىيەتتە بىر خىل كۈچلۈك تېز قۇرۇيدىغان كىر چىقىرىش دورىسى بولۇپ، سېسىق پۇرايدىكەن، بىۋاسىتە قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىكەن، بۇ پۇراق بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىكەن. جيەنجىچۇ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ شىركىتى «ۋاكالىتەن پىششىقلاش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئۇلار چۇيىشېڭ ماركىسىدىكى بىر قېتىملا كىيىلىدىغان ئىچ كىيىم، بېيزىيەن، لاڭشا ماركىسىدىكى بىر قېتىملا كىيىلىدىغان كالتە ئىشتان ئىشلەپچىقارغان، ئۇلار تەننەرخنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى مىكروبسىزلاندۇرمىغان، دېزىنفېكسىيەلىمىگەن.

   3. «قارا نىيەت رېمونتچى» جۈمەكنى ئېچىپ بېرىپلا 100 يۈەن ھەق ئالغان

   جومۇنياۋ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى رېمونتچىلىقى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى رېمونتچىلىقى سۇپىسى بولۇپ، بۇ شىركەت دۆلەت ئىچىدىكى 300دىن ئارتۇق شەھەردە كەسىپلەرنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى، توردا زاكاز قوبۇل قىلىدىغان رېمونتچىلارنىڭ 100 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

   مۇخبىر توردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم ئەرز قىلىش تور بېكىتىدە جومۇنياۋ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى رېمونتچىلىقى سۇپىسىغا ئالاقىدار ئەرز مىقدارىنىڭ 6000دىن ئاشقانلىقىنى بايقىغان.

   مۇخبىر بۇ شىركەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئىگىلەش ئۈچۈن، خىزمەت ئىزدىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن بۇ شىركەتكە كىرگەن. تەربىيەلەش دىرېكتورى ئۇنىڭغا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ رېمونت قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ئامال قىلىپ مۇلازىمەت جەريانىدا ھەق ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەگەر خېرىدار قىممەت كۆرسە، خېرىدارغا تىل بىرىكتۈرۈش ئويۇنىنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بويىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىزمەتكە كىرىش بويىچە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىر شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خۇاڭ ئۇستامغا ئەگىشىپ بىر خېرىدارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كىرئالغۇنىڭ ئېلېكتىر موتورىنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. خۇاڭ ئۇستام خېرىداردىن 659 يۈەن رېمونت ھەققى ئالغان، كونا ئېلېكتىر موتورنى 60 يۈەنگە ساتقان، بۇ قېتىمقى رېمونت قىلىشنىڭ تەننەرخى پەقەت 91 يۈەن بولۇپ، رېمونتچى يېڭىدىن سولياۋ ئېلېكتىر موتور سېتىۋېلىپ ئالماشتۇرغان. كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، مۇخبىر ھەر قېتىم ئىشىك ئالدىغا بېرىپ رېمونت قىلىشتا «يېڭى تاكتىكا»لارنى ئۆگىنىۋالغان: بىر خېرىدار جۈمىكىنى ئاچمىغاچقا، كىرئالغۇسىغا سۇ كىرمىگەن، ئۇستام جۈمەكنى ئېچىپ بېرىپلا، 100 يۈەندىن ئارتۇق ھەق ئالغان.

   زادى نېمە سەۋەبتىن رېمونتچى ئۇستاملار ئامال قىلىپ ئىستېمالچىلاردىن كۆپرەك پۇل ئۈندۈرۈۋالىدۇ؟

   خۇاڭ ئۇستامنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئۇلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى رېمونتچىلىقى سۇپىسىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك شۇنداق قىلغان. رېمونتچىلار دائىم باھانى بەك تۆۋەن مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، شۇڭا شىركەت رېمونتچىلاردىن مۇلازىمەت جەريانىدا ئىمكانقەدەر باھانى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

   4. سۇ ئۇرۇلغان راك ئالدامچىلىقى ئاشكارىلاندى!

   سىز ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن راك سېتىۋېلىپ باققانمۇ؟ «15- مارت» كېچىلىكىدە بىر ئامما بىر قىسىم زاۋۇتلارنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ تەركىبىنى ساقلاش دورىسىنى نورمىدىن ئارتۇق قوشىدىغانلىقىنى پاش قىلدى.

   سۇ تەركىبىنى ساقلاش دورىسى يەنى يېمەكلىكنىڭ سۇ تەركىبىنى ساقلايدىغان دورا، دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىرىكمە فوسفات راكنىڭ سۇ تەركىبىنى ساقلاپ، تەمىنى يېيىشلىك ۋە ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزاق قىلىدۇ، بۇ ساھەدىكىلەر بۇ خىل ئۇسۇلنى «سۇ تەركىبىنى ساقلاش» ياكى «دورىغا چىلاش» دەپ ئاتايدۇ، ئەمما بىر قىسىم كارخانىلار سۇ تەركىبىنى ساقلاش دورىسى ئارقىلىق راكنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ توڭلىتىلىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇلىدىغان فوسفات مىقدارىغا قارىتا قاتتىق بەلگىلىمىسى بار ئىكەن، ئەمما نۇرغۇن كارخانا خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۆلچەمدىكى راكلارنى تەييارلايدىكەن، مەسىلەن: بىر كارخانىنىڭ راكقا فوسفات قوشۇش مىقدارى مىڭدىن 30 ئۈلۈش (% 0.03)كە يېتىدىكەن، ئون نەچچە سائەت چىلىنىپ تۇرسا، سۇ تەركىبىنى ساقلاش نىسبىتى %20كە يېتىدىكەن، بۇ راك تەركىبىدىكى فوسفاتنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، لېكىن كارخانا مەسئۇللىرى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدىكەن. چۈنكى بۇنداق بولغاندا تارازىغا ئېغىر ئولتۇرىدىكەن. يەنە بىر سۇ مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىدا، دورىغا چىلانغان راك تېزلىكتە توڭلىتىش ھالقىسىغا كىرگۈزۈلگەن، ئىشچىلار مۇخبىرغا، مۇز تۇتقۇزۇشنىڭ ئېغىرلىقنى ئىككىنچى قېتىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مۇخبىر: «راكلارنى ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچىلىك مۇز تۇتقۇزغىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىغان. خىزمەتچى خادىم: «%70كىچە مۇز تۇتقۇزغىلى بولىدۇ، بىر جىڭ راكتىكى مۇز ئېرىتىلگەندىن كېيىن پەقەت ئۈچ سەر راكلا قالىدۇ» دېگەن.

   زىيارەت جەريانىدا نۇرغۇن كارخانا خىزمەتچىلىرى مۇخبىرغا راك پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا سۇ تەركىبىنى ساقلاش دورىسى − فوسفات قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى ئورالمىسىدا بۇنى ئىزاھلىمايدىغانلىقىنى، تەركىب جەدۋىلىگە راك، سۇ دەپلا يازىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   5. «ئۆسۈمنى باشتىلا تۇتۇۋېلىش» ئالدامچىلىقى يەنە كۆرۈلدى، «ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا» ئارقىلىق يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ئاشكارىلاندى، ئەڭ يۇقىرى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %6000كە يېقىنلاشتى

   ھازىر بىر قىسىم سۇپىلاردا قىزغىن تەۋسىيە قىلىنىۋاتقان قىسقا سىنلارنىڭ ئىنكاس رايونىنى تەپسىلىي كۆرۈپ باقىدىغان بولساق، «ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا» دېگەن سۆزنىڭ تەكرار پەيدا بولغانلىقىنى بايقايمىز. 5000 يۈەن، 10 مىڭ يۈەن قەرز بېرىمىز، نۇرغۇن كىشىلەر راستتىنلا قەرز ئالالىدى.

   ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئارقىلىق ناتونۇش كىشىلەردىن پۇل قەرز ئېلىش راستتىنلا ئىشەنچلىكمۇ؟ 2025- يىلىنىڭ بېشىدا، خۇڭ ئەپەندى بىلەن ۋاڭ خانىم جىددىي مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولۇپ، توردىن قەرز بېرىشنى خالايدىغان ئادەمنى تاپقان. خۇڭ ئەپەندى جيېدەيباۋ سۇپىسىدا، ۋاڭ خانىم رېنرېنشىن سۇپىسىدا قەرز بەرگۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئايرىم- ئايرىم ھالدا قانۇنىي كۈچكە ئىگە قەرز ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويغان. خۇڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: مەن قەرز بەرگۈچىدىن 5000 يۈەن قەرز ئالغان، ئەمەلىيەتتە پەقەت 3500 يۈەن تاپشۇرۇۋالدىم، بىراق سۇپىدىكى قەرز ھۆججىتىدە قەرز پۇل سوممىسى 5000 يۈەن دەپ تىزىملانغان، قىسقىغىنە يەتتە كۈندە ئارتۇق 1500 يۈەن ئۆسۈم قايتۇرىدىكەنمەن، مەن ئالدىنىپتىمەن!

   مۇخبىر جيېدەيباۋ سۇپىسىدا مۇنتىزىم ئېلېكتىرونلۇق كېلىشىم ئىمزالاپ، ئېلېكتىرونلۇق قەرز ھۆججىتى ئىمزالىغان، ئەمما ھەقىقىي سودىنىڭ بۇ سۇپىدا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بايقىغان. جيېدەيباۋ، رېنرېنشىن قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا بىلەن قەرز بېرىش سۇپىلىرىدىن قەرز ئالغان نۇرغۇن كىشى مۇخبىرغا، قەرز بەرگۈچىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشىگە ۋە قەرز سۈيلىشىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ سۇپىدىكى قەرز بەرگۈچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، ئەرز قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتقان. رېنرېنشىن شىركىتىدىكى مەلۇم دىرېكتورنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇلارنىڭ سۇپىسىدىكى قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساختا ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق خېيىم- خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئەرز قىلىش ئوبيېكتىنى تاپالمايدىغان قىلىش ئىكەن.

   6. ماقالە كۆرسە شەخسىي سىرى ئوغرىلىنىپ كېتەمدۇ؟ قورقۇنچلۇق ئۇچۇر «قارا ئۆڭكۈر»ى ئېچىپ تاشلاندى!

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورىدا نۇرغۇن «دەل جايىدا خېرىدار ئۇچۇرىغا ئېرىشىش» ئېلانى بارلىققا كەلدى، بۇ خىل «چوڭ سانلىق مەلۇماتتا خېرىدار ئۇچۇرىغا ئېرىشىش يۇمشاق ماتېرىيالى» ئارقىلىق سودىگەرلەر زور مىقداردىكى نىشانلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال ئادىتى، يان تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دەل جايىدا ئېرىشەلەيدىغانلىقى بايقالدى.

   مۇخبىر تونۇشتۇرۇپ سېتىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن بىر قىسىم شىركەتلەرنى ئىزدەپ تاپتى. يۈنچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ خېرىدار ئۇچۇرىغا ئېرىشىش يۇمشاق ماتېرىيالى سودىگەرلەر ئېھتىياجلىق ئاچقۇچلۇق سۆزنى بەلگە قىلالايدىكەن، يۇمشاق ماتېرىيال ئاپتوماتىك ھالدا تاللىغان قىسقا سىن سۇپىسىدا ئىنكاس رايونىنى ساۋمياۋ قىلىپ، بەلگە قىلغان سۆزگە مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى بايقىغان ھامان، مەجبۇرىي ھالدا بۇ ئابۇنىچىنىڭ تېلېفون نومۇرى، ۋېيشىن نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئېلىۋالىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ خىل خېرىدار ئۇچۇرىغا ئېرىشىش يۇمشاق ماتېرىيالى يەنە سودىگەرلەرنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىشى ۋە ئوغرىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىپ «ئېقىم مىقدارىنى توسىدىكەن ۋە ئېقىم مىقدارىنى يېتەكلەيدىكەن». لۈشىن پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە تېخنىك خادىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يۇمشاق ماتېرىياللىرىمىز «ئۆمىلىگۈچى قۇرت تېخنىكىسى» ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلايدۇ.

   «كىشىلەر توپىنىڭ 2 مىليارد پارچە ئېنىق رەسىمى بار» دەپ جار سالغان چىتېڭ تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم مۇخبىرغا، ئۇلارنىڭ خېرىدار ئۇچۇرىغا ئېرىشىش يۇمشاق ماتېرىيالىنىڭ ئىسمىنىڭ «ئۆتكۈر كۆز بۇلۇتى» ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ نۇرغۇن كارخانىلارغا سېتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئۆتكۈر كۆز بۇلۇتى» يەنە كارخانا ئاممىۋى سۇپىسى قوشۇۋالغان ئابۇنىچىلار ۋە ۋېيشىن توپى ئەزالىرىنىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى ئوغرىلىيالايدىكەن، كارخانا ئاممىۋى سۇپىسىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇغان، تارقاتقانلىكى ئابۇنىچىنىڭ يان تېلېفون نومۇرى ئوغرىلىنىدىكەن.

   تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى يەنە مۇخبىرغا ھازىر بازاردىكى ئەڭ يامان «خېرىدار ئۇچۇرىغا ئېرىشىش» شىركىتىنىڭ ئالاقە تورىدىلا سانلىق مەلۇمات ئوغرىلاپ قالماي، يەنە يان تېلېفوننىڭ ئۈچ تور خەۋەرلىشىش چوڭ سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق خېرىدار ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇخبىر بىر تەشۋىقات ماتېرىيالىدىن بۇ شىركەتنىڭ شەخسىي ئابۇنىچىلارنى توققۇز تۈرگە ئايرىغانلىقىنى، شەخسىي بەلگىنىڭ 3800 تۈرگە يەتكەنلىكىنى، تور بېكىتىنىڭ 200 مىليوندىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئالاقە تورى ماركىسىنىڭ 60 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىدىغان سانلىق مەلۇماتىنىڭ 10 مىلياردقا يېتىدىغانلىقىنى كۆردى.

   7. «بىر كۈندە 100 مىڭ قېتىم تېلېفون قىلىدۇ!» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم پاراكەندىچىلىك تېلېفونى «قولچوماقچىسى»غا ئايلاندى

   بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئالاقە تورىدا نۇرغۇن ئاتالمىش «سىرتتىن چاقىرىش» كەسپى ئېلانلىرى پەيدا بولدى، بۇ سىرتتىن چاقىرىش شىركەتلىرىنىڭ يادرولۇق كەسپى سودىگەرلەرگە ياردەملىشىپ يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرىغا سېتىش تېلېفونى ئۇرۇش بولۇپ، ئادەتتە «تېلېفوندا سېتىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سىرتتىن چاقىرىش شىركەتلىرى «ئابۇنىچىلارغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەل يەتكۈزۈش»، «دەل جايىدا خېرىدار چاقىرىش» قاتارلىق ناملار بىلەن خېرىدارنى جەلپ قىلىمىز، ھەتتا AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ئارقىلىق مال سېتىش تېلېفونى بېرىمىز دەپ تەشۋىق قىلغان.

   مۇخبىر بۇ «سىرتتىن چاقىرىش» تور بېكەتلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ تەكشۈردى. ھازىر ئاتالمىش سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ئارقىلىق مال سېتىش تېلېفونى بېرىش ساھەدىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى. جىيۇۋچىڭ تور پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، مەسئۇل خادىم تيەن دىرېكتور خېرىدارلارغا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بىر يۈرۈش سىستېمىنىڭ ئارقا سۇپىسىنى ئېچىشىغا، بىر ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادىمىنىڭ سۆزى كومپيۇتېر ئېكرانىدا پەيدا بولدى، ھەربىر جۈملە سۆزگە مۇناسىپ تەسىر قىلىش ئاچقۇچلۇق سۆزى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئېيتقان ھامان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرىدىكەن.

   بىر خىل مەۋھۇم تىجارەت سودىگىرى بار بولۇپ، ساھەدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «مەۋھۇم سودىگەر» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ مەۋھۇم تىجارەت سودىگىرى ئوخشاشلا 11 خانىلىق يان تېلېفون نومۇرىنى ساتىدۇ، بۇ نومۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى 17 ياكى 16 قاتارلىق سانلاردىن باشلىنىدۇ، ساھە ئىچىدە «كىچىك نومۇر» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، سىرتتىن چاقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى مەۋھۇم تىجارەت سودىگەرلىرىدىن سېتىۋالغان «كىچىك نومۇر» بولۇپ، بۇ نومۇرلارنىڭ ئەمەلىي يان تېلېفون كارتىسى يوق، ھەقىقىي ئىسىمدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشمۇ ھاجەتسىز ئىكەن. خېرىدار ئۇچۇرىغا ئېرىشىش يۇمشاق ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ ئىستېمالچىلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئوغرىلايدىغان مەۋھۇم تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ نۇرغۇن كىچىك نومۇرلىرى بار بولۇپ، بۇنىڭغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمدىن ئىبارەت ئاتالمىش پەن- تېخنىكا قوشۇلغان، بازاردىكى سىرتتىن چاقىرىش شىركەتلىرىنىڭ تېلېفوندا مال سېتىش كەسىپ زەنجىرى مانا مۇشۇنداق تېز سۈرئەتتە شەكىللەنگەن.

   8. «توزاق» بەك چوڭقۇر! يان تېلېفوندا مۇكاپاتلىق چەك تارتىش شىركىتىنىڭ بىر كۈنلۈك سودا ئوبوروتى 2 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا

   يېقىندا يان تېلېفوندا مۇكاپاتلىق چەك تارتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىستېمال توزىقى توغرىسىدىكى ئەرز- شىكايەتلەر ئۈزۈلمىدى. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تالون 3- تەرەپ مۇلازىمەت سۇپىسى «نونو تورى»دا تالون كېسىپ، تالون ئۇچۇرىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، بەت يۈزىدە ئاپتوماتىك ھالدا «چوڭ ئايلانما تەخسە» ئويۇنى پەيدا بولغان. بۇنىڭدىكى مۇكاپاتلىق چەك تارتىش كۇنۇپكىسىنى چەككەندە، سىستېما دەرھال «كاتتا مۇكاپات چىقتى»، مۇكاپات بۇيۇمى «200 يۈەنلىك سۆزلىشىش ھەققى بېلىتى»دەپ ئەسكەرتكەن. بىراق مۇخبىر بۇ بېلەتنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ھېچقانداق سۆزلىشىش ھەققى ھېساباتىغا كىرمىگەن. سىستېما مۇلازىمەتچىسى: «ئېتىبار بېرىش بېلىتىنىڭ جەمئىي 30 پارچە ئىكەنلىكىنى، 200 يۈەن قاچىلىسا 10 يۈەن كېمەيتىلىدىغان بېلەتتىن ئونى بارلىقىنى، 100 يۈەن قاچىلىسا 5 يۈەن كېمەيتىلىدىغان بېلەتتىن 20سى بارلىقىنى» ئېيتقان.

   مۇخبىر 4000 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى قاچىلىغاندا ئاندىن بۇ سۆزلىشىش ھەققىنى ئىشلىتىپ بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەڭ تېز بولغاندا 15 ئاي كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئېلاننى كېڭەيتىشكە دۈيجيې تور پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولغانلىقى بايقالدى. مۇخبىر خاڭجوۋغا بېرىپ، دۈيجيې پەن- تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئاساسلىق پېيىنى كونترول قىلغۇچى تەرەپ − دۈيبا تور پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى ئىزدەپ تاپتى.

   مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: «بۇ ھازىر شىركىتىمىز ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىۋاتقان كەسىپ. 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سالساق شۇ كۈنى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن قايتىپ كېلىدۇ، بۇ بىر قانچە بۆلەكتىكى كەسىپ ئابۇنىچىلىرىنى ئەسەبىيلەشتى دېيىشكە بولىدۇ». سۆزلىشىش ھەققى بېلىتىنى ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىر- ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت دەل مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، زور مىقداردىكى «سۈكۈت ئىچىدىكى خېرىدار» يوچۇقىنى چىڭ تۇتۇپ پۇل تاپقان.

   بۇنىڭدىن سىرت، ئاق ھاراقنى كېڭەيتىپ ساتىدىغان يەنە بىر خىل كەسىپ بار بولۇپ، ئەسلى باھاسى 63 يۈەن بولغان ئىككى يەشىك ئاق ھاراق قىممىتى 4700 يۈەندىن ئاشىدۇ دەپ مۇبالىغە قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 398 يۈەنگە ئىستېمالچىلارغا سېتىلىدۇ. نوخې تور پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا، 200 يۈەنلىك سۆزلىشىش ھەققى بېلىتى، ئاپتوماتىك ئۇدا ھەق تۇتۇپ قېلىش ۋە ئاق ھاراقنى كېڭەيتىپ سېتىشتىن ئىبارەت بۇ خىل كەسىپنىڭ ماھىيەتتە قىزىقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئالدامچىلىق گۇمانى بارلىقىنى، شىركەتنىڭ بىر كۈنلۈك سودا ئوبوروتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن 2 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   9. ئۆلچەمسىز توك سىمى، كابېللار بەش خىل مېتال بازىرىدا ئاشكارا سېتىلدى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى قاچان تۈگەيدۇ؟

   پاش قىلغۇچى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، مۇخبىر 2025- يىلى 1- ئايدا نەننىڭدىكى كېدې خەلقئارا بەش خىل مېتال بازىرىغا كەلدى، بۇ يەر خۇانەن رايونىدىكى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بەش خىل مېتال ماشىنا- ئېلېكتىر بازىرىنىڭ بىرى.

   مۇخبىر بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يەردىكى بىر قىسىم سودىگەرلەر ساتقان توك سىمى، كابېل مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، سېتىش سۆزىنىڭمۇ ئاساسەن بىردەك ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ سېتىۋاتقىنى ئاتالمىش «ئۆلچەمسىز سىم» ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتالمىش «ئۆلچەمسىز سىم» دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن توك سىمى، كابېلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بازاردا «ئۆلچەمسىز، باھاسى چۈشۈرۈلگەن توك سىمى سېتىش» مەخپىيەتلىك ئەمەس. گۇيياڭدىكى جىنشى بەش خىل مېتال ماشىنا- ئېلېكتىر شەھەرچىسى خۇانەن رايونىدىكى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بەش خىل مېتال سودا بازارلىرىنىڭ بىرى، بىراق بىر قىسىم سودىگەرلەر ئوخشاش ئۆلچەمدىكى كابېلنى ئىككى خىل باھادا سېتىۋاتىدۇ.

   نۇرغۇن بازاردا يوشۇرۇن ئوبوروت قىلىنىۋاتقان بۇ ئۆلچەمسىز توك سىمى، كابېللارنى زادى كىم ئىشلەپچىقارغان؟

   مۇخبىر ساتقۇچى سودىگەر تەمىنلىگەن ئادرېس بويىچە ئەنشۈن شەھىرىگە جايلاشقان جىنمىڭياڭ توك سىمى، كابېل شىركىتىگە كەلدى، بۇ شىركەت سىرتقا ئۆزىنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسىنىڭ 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شىركەتنىڭ سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل چېن باش دىرېكتور مۇخبىرغا بۇ كارخانىنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆلچەمگە يەتمىگەن توك سىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۇرغۇن سودىگەرلەر تەمىنلىگەن مال بىلەن تەمىنلەش تىزىملىكىدە، رۇنشيۇڭ كابېل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىمۇ كۆپ قېتىم سودىگەرلەر تەرىپىدىن تىلغا ئېلىندى، سېتىشنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىم فەن دىرېكتورنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلارنىڭ زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان «ئۆلچەمسىز سىم»نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى دۆلەت ئۆلچىمىدىكى توك سىملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپلا قالماي، يەنە تولۇق سالاھىيەت دوكلاتىغا ئىگە بولۇپ، «پۈتۈن تەرتىپتە ساختىلىق قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجىڭ گېزىتى قاتارلىقلاردىن يىغىنچاقلانغان ئۇنىۋېرسال خەۋەر)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.