تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەيدۇ، بۇ ھەپتە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 16 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ) ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ ھەپتە ھاۋا ئىسسىق بولىدۇ، شەرقىي جەنۇبتىكى بورانلىق ھاۋارايى بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىرلىكتە كىشىلەرگە بىر مەيدان ئالاھىدە ھاۋا رايى تەسىراتى ئېلىپ كېلىدۇ.

   3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىرىدە ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن، شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇستىن 6 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 7 سېلسىيە گىرادۇستىن 16 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق.

گاۋ چۇەن فوتوسى

   بىراق، شامال كۈچىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، چارشەنبە كۈنى كېچىدىن جۈمە كۈنى چۈشكىچە ۋە شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ قىسمەن رايونلىرى شەرقىي جەنۇب بورىنىنى كۈتۈۋالىدىكەن.

  چارشەنبە كۈنى كېچىدىن جۈمە كۈنى چۈشكىچە، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچى ئەتراپىغىچە بولغان رايونلاردا شەرقىي جەنۇب ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدىكەن، بوران كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى (يۇڭفېڭ بازىرى، جۇڭنيۇچاڭ، بەنفاڭگوۋ بازىرى، تولى يېزىسى)دىن سەيۋوپۇغىچە، شىسەندىن باگاڭ ئەتراپىغىچە بولغان جايلاردىمۇ 8 بال ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدىكەن.

   شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە، بوران يەنىلا «ئالدىنقى سەپتە» تۇرىدىكەن، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچى ئەتراپىغىچە بولغان رايونلاردا 9 بال ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇغىچە، شىسەندىن باگاڭ ئەتراپىغىچە بولغان رايونلاردا 7 بال ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدىكەن. بۇنداق بورانلىق ھاۋا رايىدا، G30 لىنىيەسىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن سەيۋوپۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە بولغان يول بۆلىكى، شۇنداقلا S116 لىنىيەسىنىڭ K3دىن K15كىچە بولغان يول بۆلىكى بىرقەدەر چوڭ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

   ​دوستلار سەپەرگە چىققاندا چوقۇم بوراندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېگىزدىن نەرسە-كېرەكلەرنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن جايلاردا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق.

گاۋ چۇەن فوتوسى

   بوراندىن باشقا، بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىمۇ بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ تېز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، يىغىلىپ قالغان قارلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قارنىڭ ئېرىشىدىن كىچىك ئېقىنلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شەھەر رايونىدىكى بىر قىسىم ئويمان يول بۆلەكلىرىدىمۇ كۈندۈزى سۇ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن شەھەر قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكى ۋە شەھەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

   باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، بوراننىڭ ۋە قارنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن ئېقىنلارنىڭ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، ئەڭ يېڭى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە يول ئەھۋالى ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىپ، مۇناسىپ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.