تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

بېكىتىلدى! 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

    3-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ 17-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش(خەلقئارا) تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى ۋېلىسىپىتلىك ساياھەت قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بورتالا ئوبلاستى تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىدە جەمئىي بەش مۇسابىقە بۆلىكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ چاغدا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 60تىن ئارتۇق كەسپىي ۋېلىسىپىت كوماندىسى، 400دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ۋە ئامما ئارىسىدىن كەلگەن 1000 نەپەر ۋېلىسىپىتلىك ساياھەت قىلىش ماھىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ 17-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش(خەلقئارا) تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى ۋېلىسىپىتلىك ساياھەت قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.

يۈسۈپ غېنى فوتوسى

   بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ لىيىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ماركىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى 16 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇسابىقە باشتىن-ئاخىر «ۋېلىسىپىت مىنىش · ھالقىش · يېشىل بولۇش · ساغلام بولۇش»تىن ئىبارەت مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مۇسابىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن، مېھماندوست سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشتىن سىرتقى ۋېلىسىپىت ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن «ئەڭ گۈزەل مۇسابىقە» دەپ ئاتىلىپ، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسى خەلقئارا مۇسابىقە دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلىدىكەن ھەم تۇنجى قېتىم ئايال قابىللار گۇرۇپپىسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىدىكەن، ھازىر مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش توغرىسىدا سورىغان مەسلىھەتى تاپشۇرۇۋېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە تۇنجى بولۇپ ئاممىۋى ۋېلىسىپىت مىنىشنى ھېس قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاخىرقى كۈنى 1000 كىشىگە ئېچىۋېتىلىدىكەن، ئادەتتىكى ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرىغا كەسپىي مۇسابىقە يولىنى ھېس قىلدۇرۇپ، «تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش» ئىدىيەسى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.

  سايرام كۆلىنى ئايلىنىش(خەلقئارا) تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى 2007-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 2013-يىلى دەرىجىسى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىگە ئۆستۈرۈلگەن، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئىشتىن سىرتقى تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى كۆپ كۈنلۈك مۇسابىقىسىنىڭ داڭلىق ماركىلىق مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى.

    «شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.