□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن
ھازىر، دەل تۆل ئېلىش ـ پەرۋىش قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى. قىشلىق تۆللەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى، تېز سېتىپ چىقىرىلىشى، ۋاقتىدا بازارغا سېلىنىشى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشۇشتىكى ئاچقۇچ. يېقىندا، مۇخبىر تۆللىگەن ساغلىقنى ۋە قوزىنى قانداق بېقىش، پەرۋىش قىلىش توغرىسىدا ماناس ناھىيەسى لەنجوۋۋەن بازارلىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالىي مال دوختۇرى كې جيەنجۈننى زىيارەت قىلدى.
تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئەمچەكتىن ئايرىلغۇچە بولغان بۇ باسقۇچتىكى قويلار قوزا دەپ ئاتىلىدۇ، قوزا ئادەتتە ئىككى ـ ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ. كې جيەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: قوزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، بىراق ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى، تاشقى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى بىرقەدەر ناچار، كېسەللىك، پارازىت قۇرتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ، ئەگەر بېقىش، پەرۋىش قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا، قوزىنىڭ تېنى ئاجىزلاش، ئاسانلا كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«قوزا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىرىنچى ۋاقىتتا ساغلىقنىڭ تۇنجى سۈتىنى ئەمدۈرۈش كېرەك، ساغلىق تۆللەپ ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولغان سۈت ساغلىقنىڭ تۇنجى سۈتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددا ۋە ئانتىتېلا بار بولۇپ، قوزا ئانتىتېلاسىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. قوزىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ۋە كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆللىگەن ساغلىقنىڭ سۈتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ باسقۇچتا تۆللىگەن ساغلىقنى بېقىش، پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، بوغۇز بىلەن بېقىپ، تۆللىگەن ساغلىقنىڭ سۈت مىقدارىنىڭ كۆپ، سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېدى كې جيەنجۈن.
ئىسسىق ساقلاش قوزا بېقىشتىكى ئاچقۇچ. يېڭى تۇغۇلغان قوزىنىڭ بەدەن تېمپراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ناچار بولۇپ، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، باقمىچىلار بىرىنچى ۋاقىتتا قوزا ۋە تۆللىگەن ساغلىقنى قوزىلاش ئۆيىگە ئەكىرىپ، قوزىلاش ئۆيى تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەش سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
قوزىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ئۇرۇقلىنىشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، قوزا ئون كۈنلۈك بولغاندا، قوزىنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىۋېتىش كېرەك. كې جيەنجۈن مۇنداق دېدى: دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەركەك قوزىنىڭ كېسىۋېتىلىدىغان قۇيرۇق قىسمىنىڭ ئورنى 2 ـ، 3 ـ قۇيرۇق ئومۇرتقىسىدا بولىدۇ، چىشى قوزىنىڭ كېسىۋېتىلىدىغان قۇيرۇق قىسمىنىڭ ئورنى 3 ـ، 4 ـ قۇيرۇق ئومۇرتقىسىدا بولىدۇ، قۇيرۇق كېسىش قاپقىنىنى كېسىۋېتىلىدىغان قۇيرۇق ئورنىغا كىيدۈرۈپ قويغاندا، ئون كۈندىن كېيىن قۇيرۇق تەبىئىي چۈشۈپ كېتىدۇ. قۇيرۇقنى كېسىش جەريانىدا، قوزىنىڭ قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن ئورۇننى پات ـ پات دېزىنفېكسىيەلەپ تۇرۇش كېرەك.