تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالەم بوشلۇقىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن لوپنۇر كەندىرى ئۇرۇقىنى ئەتىيازدا تېرىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

2 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى پارنىكنىڭ ھاۋاسى نەمخۇش بولۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش تەخسىلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ما جۈەن پارنىك ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «سورت يېتىشتۈرۈش تەخسىسىدە يېتىشتۈرۈلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئالەم بوشلۇقىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن لوپنۇر كەندىرى ئۇرۇقى، بىز چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىمىز كېرەك».

2024 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تۆت خىل ئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە لوپنۇر كەندىرى ئۇرۇقىنى ئىنچىكە تاللاپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ ئالەم بوشلۇقىدا مۇتاگېنلىق تەجرىبىسى ئىشلەتكۈزگەن. ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىلغان لوپنۇر كەندىرى ئۇرۇقى قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، تېرىپ سىناق قىلىش ئارقىلىق لوپنۇر ناھىيەسى قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق، ئېگىز ئۆسىدىغان، شېخى ئاز، يوپۇرمىقى چوڭ، چېچىكىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، قۇملاشقان يەرلەردە ئۆستۈرۈشكە، توقۇمىچىلىق، چاي ئىشلەش ھەم ساياھەتچىلىك كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغان مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان لوپنۇر كەندىرى يېڭى سورتىنى تاللاپ چىققان.

لوپنۇر كەندىرىنىڭ ئۇرۇقى ئۇششاق بولۇپ، 1000 تېلىنىڭ ئېغىرلىقى پەقەت 0.4 گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ، تۈجۈپىلەپ تېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر زور. شۇڭا، ما جۈەن خىزمەتداشلىرى بىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق دانىلەپ تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەربىر تۆشۈككە ئون تالدىن ئاشۇرۇۋەتمەي ئۇرۇق سالدى ھەم ھەربىر مايسا يېتىشتۈرۈش تەخسىسىگە بەلگە تاختىسى ئېسىپ قويدى. بۇ ئۇرۇقلار ئىككى يېرىم ئاي پارنىكتا يېتىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن لوپنۇر كەندىرى مايسىسى ئۈنۈپ چىقىدۇ. 4 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئەتراپىدا، مايسىلارنى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى بازىسى، چوڭ ئېتىز ھەم قۇملاشقان يەرلەرگە كۆچۈرۈپ سىناق قىلىپ سېلىشتۇرۇش مۆلچەرلەندى. يەنە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىككى ـ ئۈچ يىل كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى ئارقىلىق، خۇسۇسىيىتى ئەلا بولغان لوپنۇر كەندىرى يېڭى سورتىنى تاللاپ چىقىشتىن ئۈمىد بار.

لوپنۇر ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمال گىرۋىكىگە جايلاشقان، ناھىيە تەۋەسىدە 1 مىليون 600 مىڭ مو ياۋا لوپنۇر كەندىرى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە لوپنۇر كەندىرى چىقىدىغان ۋە ئۆسىدىغان ئەڭ چوڭ رايون ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر كەندىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، لوپنۇر كەندىرىدىن چاي، ھەسەل، دورا، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، كىيىم ـ كېچەك، تاختاي قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆستۈرۈشتىن پىششىقلاشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۆتكەن ئىككى يىلدا لوپنۇر ناھىيەسىدە ئادەم كۈچى ئارقىلىق تېرىلغان لوپنۇر كەندىرى كۆلىمى 30 مىڭ مودىن ئاشتى.

«لوپنۇر كەندىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى <ئاۋانگارت>، يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان، قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، تۇپراقنى ئۈنۈملۈك تۇراقلاشتۇرۇپ، قۇم ـ بوراننىڭ چىرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.» ما جۈەن مۇنداق دېدى: ئالەم بوشلۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىتنىڭ مۇتاگېنلىق رولىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇقتا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ھازىرقى لوپنۇر كەندىرى سورتى بىرلا خىل بولۇش، ئىرسىيەت ئاساسى تار بولۇش، سۈپەتلىك سورت يېتىشتۈرۈش كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان لوپنۇر كەندىرى يېڭى سورتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ قۇم تىزگىنلىشىنى پۈتۈنلەي يېڭى ئېكولوگىيەلىك ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

ما جۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئالەم بوشلۇقىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن لوپنۇر كەندىرى ئۇرۇقىنى لوپنۇر ناھىيەسىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ مايسا يېتىشتۈرۈش پەن ـ تېخنىكا بىلەن يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە بىرلەشتۈرۈلگەن بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت، ئۇزاققا قالماي، ئالەم بوشلۇقىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن لوپنۇر كەندىرى تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئۈمىد گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.