□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك
«بۇ يىل جەزمەن تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئالاقە تورى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارغا AIدىن ياخشى پايدىلىنىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى 2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئانىخېنىم ئېلى.
ئانىخېنىم پەيزاۋات ناھىيەسىدىن. 2014 ـ يىلىدىن باشلاپ، ئانىخېنىم شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى پارچە، تارقاق سېتىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن خېرىدارى گۇاڭجوۋدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئىدى.
2016 ـ يىلى، بەلگىلىك سېتىش تەجرىبىسىگە ۋە بازارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئانىخېنىم قەشقەر يىجيارېن ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇردى، 2020 ـ يىلىدىن باشلاپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، دېھقانلار بىلەن بازارنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ قالدى.
«شىركەت قۇرۇلغاندا پەقەت ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم، ھازىر ئالدىراش مەزگىلدە 60 نەچچە ئادەم ئىشلەيدۇ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن» دېدى ئانىخېنىم.
2024 ـ يىلى، شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى 4 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەيزاۋاتنىڭ شىنمېيسى، قوغۇنى، يېڭى مېۋىلىرى، قۇرۇق مېۋىلىرى ھەم مېۋە شەربىتى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولدى. ھەر قېتىم شىنمېي ۋە قوغۇن پىشقان مەزگىلدە، ئانىخېنىم ئېتىز باشلىرىدا دېھقانلاردىن مېۋە سېتىۋالىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى 200دىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنى ئارقا ـ ئارقىدىن قۇردى. ئانىخېنىم يەنە يېزا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش بويىچە تەربىيەلەش باشلامچىسى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش ۋە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنى سېتىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلىدى.
2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىنمېي پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى پەيزاۋات ناھىيەسىدە ئېچىلدى، ئانىخېنىم كارخانا ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىدە سۆز قىلدى. «مەن دېھقانلارنىڭ ئالاقە تورى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي يەنە ئۇلارغا AI تېخنىكىسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش داۋامىدا قوللىنىشنى ئۆگىتىمەن» دېدى ئانىخېنىم.
بۇ يىل ئانىخېنىم پەيزاۋات ناھىيەلىك پەن ـ تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى تەربىيەلەش تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ دېھقانلارنى بىر قىسىم يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ پەيزاۋات شىنمېيسى ۋە قوغۇنىنى تېخىمۇ ياخشى سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.