□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسىدىكى بىر دۇفۇ زاۋۇتىدا پۇرچاقنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىپ تۇراتتى، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى گۈرۈلدەۋاتاتتى. ئىشچىلار تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەردە پىششىق مەشغۇلات قىلىپ، پۇرچاق بوتقىسى قاينىتىش، قويۇقلاشتۇرۇش، بېسىپ ياساش، شەكىلگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىنى تەرتىپلىك تاماملىدى، يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئاپئاق، يۇمشاق پارچە ـ پارچە دۇفۇلار تەييار بولدى.
زاۋۇت باشلىقى ۋاڭ جۈنخۇڭ شۇ كۈندىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، دەرھال ئىشچىلارغا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈرۈمچىنىڭ زاكازىنى ئۈلگۈرتۈشنى تاپىلىدى. «يېقىندا، بىز ياسىغان ئالقات بوتقىسى دۇفۇسى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان پۇرچاق يېمەكلىكلىرىنىڭ كونا خېرىدارلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، ھازىر شىنجاڭ سىرتىدىكى خېرىدارلارنى كېڭەيتىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىمىز» دېدى ۋاڭ جۈنخۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
38 ياشلىق ۋاڭ جۈنخۇڭ جىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2008 ـ يىلى قىسىم ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىشنى ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى بولۇشتىن باشلىدى ۋە بىر يىلدىن كېيىن بىر ئاشخانا ئاچتى. ئاشخانىسىنىڭ سودىسى يامان ئەمەس ئىدى، ئۇ يەنە يىغقان بارلىق پۇلىنى چىقىرىپ، ئىككى دېھقانلار ئارامگاھى ۋە بىر ئۆردەك كاۋىپى دۇكىنى ئاچتى.
2023 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، ۋاڭ جۈنخۇڭ ماندان يېزىسى بەشتېرەك كەنتىدىكى دوستىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ باردى. پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇ شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان سېرىق پۇرچاقنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى، دېنىنىڭ توق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دۇفۇ پىششىقلاش زاۋۇتى ئېچىش ئويىغا كەلدى. شۇ يىلى 5 ـ ئايدا، ئۇ كەنتتىكى بىر پارچە بوش يەرنى ئىجارە ئېلىپ، 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 7000 كىۋادرات مېتىرلىق پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى ھەم شىنجاڭ ۋاڭشى يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇردى.
ۋاڭ جۈنخۇڭ پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش لىنىيەسىدىن ئالتىنى سېتىۋېلىپ، دۇفۇ، دۇفۇ قېقى، دۇفۇ پىشلىقى، پۇرچاق تۈرىدىكى ئۇششاق يېمەكلىك قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردى. ئۇ سېرىق پۇرچاق تىرىپىنى توخۇ، ئۆردەك باقمىچىلىقىغا ئىشلەتتى ياكى ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا قايتا ئىشلەتتى.
ۋاڭ جۈنخۇڭ كەنت ئاھالىلىرىنى سېرىق پۇرچاق تېرىشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئاشۇرۇش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ماندان يېزىسى باشى جاڭزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى يەنلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئائىلەمنىڭ ئون مو يېرىنى ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا ھۆددىگە بەرگەندىن كېيىن، ئېرىم ئىككىمىز ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىغانىدۇق. 2023 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، مەن دۇفۇ زاۋۇتىغا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىنىپ، قالتىس ئىپادەمگە تايىنىپ سېخ مۇدىرى بولدۇم، ھەر ئايدا 6000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن. «ۋاڭ زاۋۇت باشلىقىغا ئەگىشىپ، دۇفۇ ياساشتىكى تۈرلۈك تېخنىكىلارنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە شىركەت باشقۇرۇش، تىجارەت قىلىش، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەننەرخنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىمالال ئورۇندىيالايمەن» دېدى لى يەنلى.
ماندان يېزىسى چىڭگۇەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاغجولتاي ئاخات مۇنداق دېدى: 2023 ـ يىلى 6 ـ ئايدا داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دۇفۇ زاۋۇتىغا تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىدىم، بۈگۈنكى كۈندە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، مائاشىم يېڭى خىزمەتكە كىرگەن چاغدىكى 3500 يۈەندىن 5000 يۈەنگە ئۆستى. «بۇ يەر ئۆيۈمگە يېقىن، كىرىمىم مۇقىم بولۇپلا قالماي، يەنە ئاتا ـ ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قولايلىق، بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈمگە ئېرىشتىم».
بەشتېرەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ شىنلەي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ۋاڭ جۈنخۇڭنىڭ كارخانىسى 120 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئەتراپتىكى تۆت كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقات ئېتىزىغا سېرىق پۇرچاقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، ھەر مو يەردىن ئاشۇرغان كىرىمى 1000 يۈەندىن كۆپرەك بولدى.
جىڭ ناھىيەسى جىڭ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاردا جارقىن يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئاشۇ يىلى، كەلگۈسىدىكى كەسپىي تەرەققىياتىمغا نىسبەتەن گاڭگىراپ قالغانىدىم. ۋاڭ جۈنخۇڭغا ئەگىشىپ خۇبېي، گۇيجوۋ، خېنەن، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشتە بولغاندىن كېيىن، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، يەنە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتىنى ئىگىلىدىم، «ھازىر، شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئالقات دۇفۇسى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان پۇرچاق يېمەكلىكلىرىدە شىنجاڭ سىرتىدىنمۇ نۇرغۇن زاكاز قوبۇل قىلدۇق، مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى».
ھازىر، ۋاڭ جۈنخۇڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ داشۆدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى قۇرۇپ، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە. «مەن كەنت ئاھالىلىرىنى سېرىق پۇرچاق تېرىشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، كىچىككىنە سېرىق پۇرچاقنى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرىمەن» دېدى ۋاڭ جۈنخۇڭ.