
ھازىر ساۋمېي بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل. يېقىندا باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرى زەيگېسېننۇر كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، قىپقىزىل ساۋمېي پېلەك تارتىپ، مەززىلىك خۇش ھىد چېچىپ تۇراتتى. ساياھەتچىلەر پارنىكتا پىشقان ساۋمېيلارنى ئۈزدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار گو يۈشۇن، ليۇ جىۋېي، قەيسەر)

بۇ بازىدىكى پارنىكتا ساۋمېيغا تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان ھەم نەرسە تورى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، باشقۇرغۇچى خادىملار يان تېلېفۇندىلا پارنىكنىڭ نەملىكى، تېمپراتۇرىسىنى تەڭشىيەلەيدۇ، مەشغۇلات قىلىش تېخىمۇ قولايلىق.

پىشقان ساۋمېي خۇددى قىزىل ياقۇتقا ئوخشاش پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى