تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ) «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن .....» 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان شىمالىي يولى جىنخەيۋەن ئىستىراھەت مېھمانسارىيىدا، ئىللىق بەخت تىلەش ناخشىسى ياڭرىغاندا، بۇ يەردىكى بارلىق ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئەقىدە قاسىم فوتوسى
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن بىر مەيدان كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، 10 نەچچە نەپەر ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىگە ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئەقىدە قاسىم فوتوسى
«بۈگۈن كۆپچىلىكنى تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسەت، بىرىنچىدىن، كۆپچىلىكنىڭ ئىلتىماس-تەلەپلىرى بولسا ئاڭلاپ بېقىش، ئىككىنچىدىن، ھەر قايسىڭلارنىڭ كوچا ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەكلىپ ـ پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مەي چۈنلەن.
«بەزى بىنالارنىڭ ئىشىكى بۇزۇلۇپ قېلىپ ۋاقتىدا رېمونت قىلىنمىسا، زاكاز يەتكۈزۈش ۋاقتى ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» «پونكىتقا دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى تولۇقلاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» «يان تېلېفونغا توك قاچىلايدىغان تۆشۈكتىن يەنە بىر نەچچىنى كۆپەيتكىلى بولارمۇ؟» كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر باش پېرسوناژغا ئايلاندى. ئۇلار كوچا باشقارمىسى كادىرلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، كەسىپ بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي كاپالەت، جەمئىيەتكە سىڭىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر تۇغۇلغان كۈن تورتىغا ئېغىز تەگمەكتە.
ئەقىدە قاسىم فوتوسى
تۇغۇلغان كۈن تورتىغا ئېغىز تېگىش، مېھىر-شەپقەت سوۋغىتى قوبۇل قىلىش، ئۆزى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى بايان قىلىش ... كېيىنكى ھالقا ۋە كۆرۈنۈشلەر كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرەتتى. بولۇپمۇ كوچا باشقارمىسى كادىرلىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر كۆڭۈل قويۇپ سىزغان «ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر دوستلۇق خەرىتىسى»نى سوۋغا قىلغاندا، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ۋە تەسىرلىنىش جىلۋىلەندى. ئەسلىدە، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ تاماق يەتكۈزۈش ۋاقتىنى تېجەپ، تېز سۈرئەتتە تاماق يەتكۈزۈش نىشانىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى چاڭلېيۈەن مەھەللىسى كادىرلىرى زېھنىنى سەرپ قىلىپ «ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر دوستلۇق خەرىتىسى»نى سىزىپ، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ «بىنا تېپىش تەس بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى چاڭلېيۈەن مەھەللىسى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگە «ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر خەرىتىسى»نى چۈشەندۈردى.
ئەقىدە قاسىم فوتوسى
«بۇ مۇراسىم تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە ھاردۇقىمىز چىقىپ قالغاندەك بولدى» ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى روزى مەتقۇربان ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.
«كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈش يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا بېرىلگەن ياخشى سوۋغات، شۇنداقلا بىزدەك ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگە بولغان مەدەت بېرىش يىغىنى، ئىلھام بېرىش يىغىنى بولدى» دېدى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى ليۇ جىنجۈن: بۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىي ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى بولۇپ، ئىناق مەھەللە ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.»
ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى كۆپچىلىككە كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللە چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، تەۋەلىك تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
«ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر ئىشچان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ. بىز كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كۆڭۈل بۆلۈشنى يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا مۇجەسسەملەش تەدبىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا بۇلارنى ھەقىىي ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلىدۇق» دېدى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى چاڭلېيۈەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما جۈن: بۇنىڭدىن كېيىن ھەر پەسىلدە، مەھەللە تەۋەلىكىدىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۈچلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىمىز.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى