تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېزا-كەنتلەردە ئۆزگىچە كەسىپ يېتىلدۈرۈلدى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ خۇڭدۆڭ بازىرىغا جايلاشقان «شەپەق مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى» ئىشخانىسىدا، كەشتىچى ئاياللار كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك قولدا كەشتىلەنگەن مەھسۇلاتلار ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ئارداق بېيسىقان فوتوسى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تيېمىنگۇەن شەھەرلىك شۆبە شىركىتى تېز يەتكۈزۈش بۆلۈمىنىڭ تېز يەتكۈزگۈچىسى شەھەر ئاھالىلىرىگە تېز يوللانما يەتكۈزمەكتە. بۇ شەھەر «تېز يەتكۈزۈش»نى تۇەن-مەيدان، ليەندۈيلەرگە يەتكۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

لى جياچېڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى تيەنيۈ يېزا ئىگىلىك كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا قوش ئىسپورىلىق موگۇ ئۈزمەكتە. بۇ ناھىيە زامانىۋىلاشقان پارنىكتا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كىچىك زەمبۇرۇغ موگۇ»نى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كوزىر مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى.

ليۇ ياخۇي فوتوسى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ چەرچەن شياۋۋەن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى چىلاننى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتماقتا. چەرچەن ناھىيەسى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنى توردا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

سۇ شىن فوتوسى

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى شارۇلجىن كەنتىدىكى شياۋخې ئىستىراھەت كەنتىدە، خىزمەتچىلەر ساياھەتچىلەرگە قورۇما توشۇماقتا. بورتالا شەھىرىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كەنت 100 موغا يېقىن نېلۇپەر كۆلى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى گۈل سەيلىسى، غىزالىنىش، بېلىق تۇتۇش قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، يىراق-يېقىنغا داڭقى چىققان «نېلۇپەر كەنتى»گە ئايلاندى.

لۈ جۈنجيې فوتوسى

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى ئوتتۇرا كونزىيا كەنتىگە جايلاشقان دەۋر گىلەم زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى گىلەم توقۇماقتا. بۇ گىلەم زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان گىلەم، مەنزىرە ئاسما گىلىمى، سېلىنچا گىلەم قاتارلىقلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىدۇ.

شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 2 ـ كۈنى بىڭتۇەن 2-شى 22-تۇەن 10-ليەنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر پارنىكتا لازا مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. ھازىر بۇ تۇەندىكى 600دىن ئارتۇق پارنىكتا يېتىشتۈرۈلگەن 4 مىليون تەخسە لازا مايسىسى پەرۋىش قىلىش مەزگىلىگە كىردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ مايسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆچۈرۈپ تىكىشكە كاپالەتلىك قىلدى.

شيې جياڭلىن فوتوسى

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.