تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خۇش خەۋەر! «دۆلەت دەرىجىلىك»كە كىرگەنلەر تىزىملىكى يېڭىلاندى

خۇش خەۋەر!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى ئۆلچىمىدىكى «ساياھەت-ئىستىراھەت كوچىلىرىنىڭ دەرىجە ئايرىمىسى» ( LB/T0822021 ) غا ئاساسەن، ئالاقىدار ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەرتىپلىك تەشكىللىشى ئارقىلىق، بېكىتىش ۋە ئېلان قىلىش خىزمىتى تاماملاندى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدىكى رەستە ساياھەت-ئىستىراھەت كوچىسى 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت-ئىستىراھەت كوچىسى دەپ بېكىتىلدى. 

  رەستە ساياھەت-ئىستىراھەت كوچىسىغا كەلگەن كىشىلەر بۇ يەردىكى رەڭگارەڭ ئىشىك-دېرىزىلەرنى تۇنجى كۆرگەن ھامان ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ، چۈشتىن كېيىن قۇياش نۇرى سوقما تاملارغا سايە تاشلاپ ناھايىتى يېقىملىق تۇيۇلىدۇ.

  رەستە ساياھەت-ئىستىراھەت كوچىسى كۇچا شەھىرى كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، داكا قىلىدىغان جايلىرى ناھايىتى كۆپ.

   دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، قىزىل ساياھەت-تەربىيە بازىسى بولغان ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەھەر خارابىسى، قەدىمكى تۇرالغۇ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇر خارابىسى قاتارلىق بايلىقلار بار بولۇپلا قالماي، يەنە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى كۆرگەزمە زالى، خەلق مەدەنىيەت-ئىجادىيەت غەربىي قىسىم تەتقىقات مەركىزى، كۈسەن ئۇسسۇل-مۇزىكىسىنى ھېس قىلىش سارىيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى بەرپا قىلىنغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە دوپپا كوچىسى، ئىشىك بازىرى، داپ كوچىسى، زىيارەت يولى قاتارلىق ئۆزگىچە كوچىلار ياسىلىپ، قەھۋەخانا، قەدىمىي چايخانا قاتارلىق دۇكانلار سېلىنغان.

  بۇ، كۇچا كونا شەھىرىنىڭ «رەڭدار سىيماسى» بولۇپ، چوقۇم بىر قېتىم كېلىپ چۆكۈش شەكلىدىكى شەھەر ساياھىتى (citywalk)نى ھېس قىلىپ بېقىڭ.

  بۇ يەرنى پىيادە ئايلانغاندا، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رەڭلىرى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇلغان رەڭلىك ئىشىكلەرنى، رەڭگارەڭ بويالغان، تارىخنى بايان قىلىپ بېرىدىغان كونا تاملارنى، قۇياش نۇرىدا سايە تاشلاپ تۇرغان، قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  رەڭگارەڭ دوپپىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، يىپەك ئەتلەستىن ياسالغان پانۇسلار، پەردىلەر بۇ قەدىمىي كىچىك كوچىغا لىرىك تۈس قوشۇپ تۇرىدۇ؛ بالىلىق چاغلاردىكى گازلىق سۇ، CD ئاپپاراتى، ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدىغان كىچىك دۇكانلار بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىدۇ؛ «كىچىك مەيخانا»غا كىرىپ-چىقىدىغانلار كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە قەدىمىنى توختىتىپ، قىزىقارلىق سۆزلۈكلەر ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ تۇرىدۇ.

  كونا كوچىدىكى چايخانا، قۇرۇق مېۋە دۇكىنى، ناۋايخانا ... ھەممە يەرگە لوبەننىڭ ئۆزگىچە ئويى يوشۇرۇنغان بولۇپ، يولدىن ئۆتكەن ھەر بىر كىشىنىڭ كىرىپ كۆرۈپ باققۇسى كېلىدۇ، بىردەم ئايلىنىپ، بىردەم توختاپ، بىردەمدىلا كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ.

ئىشىك بېلىتى: ھەقسىز

ئېچىۋېتىش ۋاقتى: چەك قويۇلمايدۇ

ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى: 1ـ يول، 18-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرى يېتىپ بارىدۇ

  كونا شەھەر، كونا كوچىلار كۇچا شەھىرىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى، رەستە كوچىسىدىن باشقا، بۇ يەردىكى دوپپا كوچىسى، ئىشىك بازىرى قاتارلىق ئۆزگىچە كوچىلار قەدىمىي ھەم ئاددىي، جىمجىت بولغان قەدىمىي كوچىلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي كوچىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقان.

  ۋاقتىڭىز چىققاندا كۇچاغا كېلىپ، بۇ جاينىڭ «قەدەمدە بىر مەنزىرە، ھەر مەنزىرىدە بىر گۈزەللىك»نامايان بولۇپ تۇرىدىغان رومانتىك مەنزىرىسىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.