تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | AIنى لاتارىيە بېلىتى ئۇچۇرىنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

   بۇ خىل قاراش ئويدۇرما.

   تېخنىكا پىرىنسىپىدىن قارىغاندا، لاتارىيەدە مۇكاپات چىقىدىغان نومۇرنى «مۆلچەرلەش» ئۈچۈن، تارىخىي سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا مودېلنى مەشىق قىلدۇرۇپ، «قانۇنىيەت»نى تېپىش كېرەك. مەسىلە شۇكى، لاتارىيەدە نومۇر تارتىپ مۇكاپات ئېلان قىلىش مۇستەقىل تاساددىپىي ئىش بولۇپ، ئەمەل قىلغۇدەك قانۇنىيەت يوق، بۇنداق ئەھۋالدا، ھەر قانچە كۈچلۈك AIمۇ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات نومۇرى بىرىكمىسىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ.

   ھالبۇكى، نۇرغۇن ئاتالمىش «AI مۆلچەرلىگەن لاتارىيە بېلىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دېگەن خەۋەرلەردە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى كىچىك مۇكاپاتلار بولۇپ، بۇ كىچىك مۇكاپاتلارنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقى ئەسلىدىنلا ئۇنچە تۆۋەن ئەمەس، بۇ ھەرگىزمۇ AI «مۆلچەرى»نىڭ تۆھپىسى ئەمەس. يەنە بەزى «AI مۆلچەرلەپ مۇكاپات چىقىش» دېلو مىساللىرى ئەمەلىيەتتە سېتىش ئالدامچىلىقى بولۇپ، ئالدامچىلار «AI مۆلچەرلەش» نىقابى بىلەن، مۇكاپات چىقىشقا بەك ئىنتىلگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ھەق تۆلەپ «مۆلچەرلەش» يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

رەسىم مەنبەسى: «كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو»

   ئاخىرىدا كۆپچىلىككە، بولۇپمۇ لاتارىيەچى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، لاتارىيەدە مۇكاپات چىقىشنىڭ ماھىيىتى تۆۋەن ئېھتىماللىقتىكى تاساددىپىيلىق بولۇپ، نۇرغۇن لاتارىيەدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى نەچچە مىليوندىن بىر بولىدۇ، ئامما لاتارىيەنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىشى، يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ نىقابلانغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىتىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

   (تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: يۈ نەيگۇڭ، بېيجىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقات يۇرتى ماشىنا ئادەم تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دوكتور يېتەكچىسى)

«ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.