تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئانار سۈرەتلەر توپلىمى . سىن-سۈرەتتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى | ئۈرۈمچىدىكى «ئايال كىگىز ئېتىش ماھىرى» چىۋەر قولى بىلەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى توقۇپ چىقتى

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، خاتىمە كىگىز ئېتىشقا ئىشلىتىدىغان ھەر خىل رەڭلىك يۇڭ يىپلارنى رەتلىمەكتە.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، خاتىمە ئالاھىدە ياسالغان تەتۈر تېشىش يىڭنىسىنى ئىشلىتىپ، يۇڭ تالاسىنى قايتا-قايتا تېشىپ، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق بويىچە يۇڭ يىپنى تۇتاشتۇرۇپ كەشتىلەپ، ئۇنى تېخىمۇ ئىسترېئولۇققا ئىگە قىلىپ، مۇقىم شەكىلگە كىرگۈزدى. يىڭنە بىلەن تېشىش ھۈنەر-سەنئىتى ئىجادىيەت بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى، بۇ ئارقىلىق ھەر خىل مۇرەككەپ شەكىل ۋە نەقىشلەر توقۇپ چىقىلىپ، كىگىزدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ نامايان قىلىش كۈچى يەنىمۇ بېيىتىلدى.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) خاتىمە ئەنەيتۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قازاق مىللىتىنىڭ كىگىز ئېتىش ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋەكىللىك ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ مىڭ يىللىق ھۈنەر-سەنئەتنىڭ «قوغدىغۇچىسى»دۇر. خاتىمە بىر جۈپ چېۋەر قولى ۋە قەتئىي ئىرادىسىگە تايىنىپ، كىگىز ئېتىشتىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي ھۈنەر-سەنئەتنى ھازىرقى جەمئىيەتتە يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خاتىمە (ئالدىنقى رەت سولدىن 1-كىشى) شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا كۇرسانتلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

   كىگىز ئېتىشتىن ئىبارەت مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇ ھۈنەر-سەنئەت ئىلگىرى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى ئىدى. ئۇ چاغلاردا، كىشىلەر قوي يۇڭى قاتارلىق ھايۋانات تالالىرىنى بېسىش، ئۇۋۇلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن زىچ توقۇلغان، ئىشلىتىشكە چىداملىق كىگىزلەرنى توقۇپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى چېدىر، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم ۋە زىننەت بۇيۇملىرىغا ماتېرىيال قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. خاتىمە كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىدىن كىگىز ئېتىشنى ئۆگىنىپ، بۇ ئەنئەنىۋى ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماي، يەنە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنىڭغا ھازىرقى زامان ئامىللىرىنى سىڭدۈردى.

110 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ كىگىز ئۆي خاتىمە جەمەتى ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلتۈرگەن كىگىز ئېتىش ئەسىرىدۇر.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، خاتىمە (ئوتتۇرىدا) ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرى مياۋئېرگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسىگە ئۆزى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە لايىھەلىگەن يۇڭ شارپىنى تونۇشتۇرماقتا.

 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگوۋ بازىرى مياۋئېرگوۋ كەنتىدىكى خاتىمەنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى، ھاۋانى قوي يۇڭىنىڭ پۇرىقى قاپلىغانىدى. خاتىمە ئۈستىلەپ قويۇلغان ئاپئاق قوي يۇڭىنى ئايرىپ ئېلىپ كۆڭۈل قويۇپ يېيىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى چاققان، شۇنداقلا ماھارەتكە پىشقان ئىدى. «يۇڭ يېيىش كىگىز ئېتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى، قوي يۇڭىنىڭ قېلىنلىقىنى ئوخشاش قىلىپ تەكشى يېيىتىمىز، مۇشۇنداق قىلغاندىلا كىگىزدىن توقۇلغان بۇيۇملارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» خاتىمە قولىدىكى ئىشىنى قىلغاچ تونۇشتۇردى. قوي يۇڭىنى يېيىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يۇڭنىڭ ئۈستىگە ئىلمان سۇ چاچتى ھەم ئىككى قولى بىلەن يېنىك ئۇرۇپ، قوي يۇڭى تالالىرىنى ئۆزئارا يېپىشتۇردى.

 كېيىنكى ئىش تەرتىپى ماھارەتنى تېخىمۇ سىنايتتى. خاتىمە نەملەشكەن قوي يۇڭىنى نوغۇچ بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئۇنى كۈچەپ باستى. «كىگىز ئېتىشقا سەۋرچانلىق ۋە كۈچ كېتىدۇ، بۇ ھەرىكەتنى تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشتۇرىمىز، كۈچىمىز تەكشى بولۇشى كېرەك، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ» دېدى خاتىمە. قايتا-قايتا باسقاندىن كېيىن، چېچىلىپ تۇرغان قوي يۇڭى تەدرىجىي بېسىلىپ، ئەڭ دەسلەپكى كىگىز شەكلىگە كىردى.

 ئارقىدىن، خاتىمە كىگىزنى ئىلمان سۇغا سېلىپ يۇيۇپ، ئۇنىڭدىكى ئارىلاشما ماددىلارنى ۋە ياغنى چىقاردى. يۇيۇپ بولغان كىگىزنى يەنە بېسىشقا ھەم قولدا چۆرىسىنى قىرلاپ، شەكلىنى ئۆلچەملىك، گىرۋەكلىرىنى پۇختا چىقىرىشقا توغرا كېلەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا كىگىزنى ئاپتاپقا قاقلاپ، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇشىنى ساقلاش كېرەك ئىدى.

خاتىمەنىڭ ئىشخانىسى كىگىزنى بېسىپ ياسالغان ئەسەرلەر بىلەن توشتى.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، خاتىمە نەمخۇش قوي يۇڭىنى كىچىك نوغۇچتا يۆگىگەندىن كېيىن، ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قايتا-قايتا باسماقتا.

 «ھەربىر پارچە كىگىز بىر ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۈنەرۋەننىڭ يۈرەك قېنى ۋە ۋاقتى مۇجەسسەملەنگەن» دېدى خاتىمە يېڭىلا كىگىزدىن ياسىغان ئەسىرى «ئىستاكان سېلىنچىسى»نى قولىدا سىلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا تولغانىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەم ئەنئەنىۋى كىگىزنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە چىدامچانلىقىنى ساقلاپ قالغان ھەم مودا ۋە ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا، كىگىز بۇيۇملار كۆپ خىل ھەم رەڭدار. ئۇنىڭ ئىچىدە، كىگىزدە ياسالغان ئىستاكان سېلىنچىسى، قول سومكىسىغا ئوخشاش ئىقتىدار بىلەن كۆركەملىكنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، سىزىقلىرى ئېنىق، ئاددىي، كۆركەم بولغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار؛ يەنە ھايۋانات شەكلىدىكى كىگىز ئويۇنچۇق، ئابستراكت كىگىز ھەيكەل قاتارلىق ئىجادىيلىققا ۋە بەدىئىيلىككە ئىگە زىننەت بۇيۇملىرىمۇ بار، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرى ۋە كامالەتكە يەتكەن ھۈنەر-سەنئىتى ئارقىلىق بۇ يۇڭ تالا بۇيۇملار «ھاياتىي كۈچ»كە تولۇپ، ئۆزگىچە ھۈنەر-سەنئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرى مياۋئېرگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى خاتىمەنىڭ ئىشخانىسىدا كىگىز ئېتىش ئارقىلىق توقۇپ چىقىلغان ئەسەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرى مياۋئېرگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى خاتىمەنىڭ كىگىز ئېتىش ئارقىلىق توقۇپ چىققان قالپاق ئەسىرىنى سىناپ كىيمەكتە.

 خاتىمە ئۆزى كىگىز ئېتىپلا قالماي، يەنە قۇلالەي مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرى ۋە تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى تەسىس قىلىپ، پائال شاگىرت قوبۇل قىلىپ ھۈنەر ئۆگىتىپ، بۇ قەدىمىي ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىگىز ئېتىش ھۈنىرى قازاق مىللىتىنىڭ گۆھىرى، مەن ئۇنى يوقىتىپ قويسام بولمايدۇ.» ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كۆپ ياش كىگىز ئېتىش ھۈنەر-سەنئىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى ئۆگىنىدىغان بولدى، مىڭ يىللىق ھۈنەر-سەنئەتنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

   «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.