تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قېلىن قار! ئۈرۈمچىدە يوللار تېيىلغاق، دىققەت قىلىپ ئاستا مېڭىڭ

    3-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە كېچىچە ئارىلاپ ياغقان قار تېخى توختىمىدى، شەھەر يەنە بىر قېتىم كۈمۈش لىباسقا ئورالدى، ئىشقا بارىدىغان، مەكتەپكە بارىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى تېيىلغاق يولدا مېڭىۋېتىپ، بۇ يىل قىشتا قار توختاي دېمەيدىغۇ، دېيىشتى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى قاردىن كېيىنكى ئۈرۈمچى.

سۈرەت ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىن ئېلىندى

   مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋال سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە بۇ قېتىمقى قار 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 15:00 ئەتراپىدا يېغىشقا باشلىغان بولۇپ، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 10غىچە داۋاملاشقان، ھۆل-يېغىن مىقدارى 7.9 مىللىمېتىرغا يېتىپ، قېلىن قار ھېسابلانغان.

   تېمپېراتۇرا ئانچە تۆۋەن بولمىغاچقا، ئۈرۈمچىدە كېچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان، يولدىكى قارلار ئاستا-ئاستا ئېرىپ، يول يۈزى ئىنتايىن تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، تىيانشان رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، مىدۇڭ رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار دەل ۋاقتىدا يوللاردا مۇز تۇتقانلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋېنچۈەن يولى ئاسما كۆۋرۈكىدىكى يول بۆلىكىدە يوللار تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنىدى.

سۈرەت ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىن ئېلىندى

   بۇ قېتىمقى قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قاتناشنىڭ ئەتىگەنلىك بېسىق مەزگىلدە، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىدە توسۇلۇپ قېلىش ياكى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاستا مېڭىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، مەسىلەن: ۋېنچۈەن يولى ئاسما كۆۋرۈكى، لۇڭشېڭ كوچىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى، قەشقەر غەربىي يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى جيەنگو يولىدا، بىر ئاپتوموبىل تېيىلىپ كېتىپ، كۆكەرتىش بەلبېغىغا كىرىپ كەتتى.

سۈرەت ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىن ئېلىندى

   ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى قار ياغقان كۈنلەردە يوللارنىڭ تېيىلغاق بولۇپ، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يوللىرىدىكى كۆۋرۈك باشلىمىسى، باغلىما يول، ئايلانما يول، يانتۇ يوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ئاسانلا تېيىلىپ كېتىپ ھادىسە كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈش لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، ئەڭ ياخشىسى ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن ئاز دېگەندە يېرىم سائەت بۇرۇن ئۆيدىن چىقىش كېرەكلىكىنى، يول يۈرۈش جەريانىدا، چوقۇم ئاپتوموبىللار بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ مېڭىپ، قار تازىلاش ئاپتوموبىلى ۋە قار تازىلاش ئىشچىلىرىغا يول بېرىش كېرەكلىكىنى، يولدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاستا ماڭغاندا، قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ تەرتىپ بويىچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ مېڭىشنى ئەسكەرتتى. قار ياغقاندىن كېيىن ئامال بار ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاسما كۆۋرۈككە چىقماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.