تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بىردەكلىكنى ساقلاش شىفىرىنى يېشىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

3 ـ ئاي كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيەت تۈرى − «كۈسەن» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر رېپېتىتسىيە قىلىنىشقا باشلىدى، ھەر مىللەتتىن بولغان 80دىن ئارتۇق ئارتىس ـ خىزمەتچى كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قايتا نامايان قىلىدىغان بۇ نادىر سەھنە ئەسىرىنى تاماملاپ، كۆپ خىللىق توپلاشقان، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر، كۈسەن بۆلەك رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمىتىگە ئايلىنىپ، كۈسەن مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قارىتا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئارقىلىق تارىخىي ئۇچۇرلارنى توپلاش

قەدىمكى كۈسەن رايونى بۈگۈنكى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىنى مەركەز قىلغان بىر بۆلەك رايوننى كۆرسىتىدۇ. بۇ جاي قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، شەرق ـ غەرب مەدەنىيلىكى يۇغۇرۇلغان تۈگۈن بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان، ئىزچىل مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم ھەربىي، مەمۇرىي جاي بولۇپ كەلگەن. شۇڭا، بۇ جايدا نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولغان «يىپەك يولى: چاڭئەن ـ تىيانشان كارىدورىنىڭ يول تورى»دىكى ئۈچ مىراس جاي − كۇچا شەھىرىدىكى سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، قىزىلقاغا تۇرى، باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2024 ـ يىلى سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە قىزىل مىڭئۆينى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئارقا ـ ئارقىدىن تاماملىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى بايقاشلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ئىسپات ئارقىلىق كۈچلۈك دەلىللىدى.

«2024 ـ يىلى بىزنىڭ سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھاسىلاتىمىز شۇكى، بىر گۇرۇپپا بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان راھىبلار قورۇسىنىڭ خارابىسىنى بايقاپ، بۇددا مۇنارى قورۇسى بىلەن راھىبلار قورۇسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشتۇردۇق، بۇ، قەدىمكى كۈسەن رايونىدىكى راھىبلار قورۇسىنىڭ شەكلى، تۈزۈلۈشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بۇددا مۇنارى قورۇسى بىلەن راھىبلار قورۇسىنىڭ بىرىكىش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئەمەلىي مىسال بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا تارقىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە.» شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي خىزمەتچىسى چېن يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم 400 پارچە(گۇرۇپپا)دىن ئارتۇق ساپال، مىس، تۆمۈر، تاش قاتارلىق ھەر خىل ئەسۋاب ـ ئۈسكۈنە ۋە ئاز مىقداردىكى زاماسكا قېزىپ چىقىلدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋېي، جىن سۇلالىلىرىدىن سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىغىچە بولغان دەۋرلەرگە تەۋە يادىكارلىقلار.

مىلادىيە 3 ـ ئەسىر ئەتراپىدا قېزىلغان قىزىل مىڭئۆي مىلادىيە 9 ـ ئەسىردىن كېيىن تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلاش، ئۆزگەرتىلىش، تاشلىنىپ قېلىش قاتارلىق جەريانلىرى ئىزچىل تۈردە ئارخېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرى تەتقىق قىلىدىغان تېما بولۇپ كەلدى. 2024 ـ يىلى 5 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى بېيجىڭ داشۆ ئارخېئولوگىيە ـ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي شۆيۈەنى بىلەن ھەمكارلىشىپ تاش غار توپى جىلغىسى غەربىي رايونىدىكى 35 ـ غاردىن 40 ـ غارغىچە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

«غار ئالدىدىكى مىراسلاردىن قارىغاندا، قىزىل مىڭئۆي دەسلەپكى مەزگىللەردە بوشلۇقتا تۇرۇپ قېزىلغان بولۇپ، ھۈنەرۋەنلەر يەنە تىك قىيادا غارغا تۇتىشىدىغان پەلەمپەي يولنى ئاچقان، لېكىن يەر تەۋرەش قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە پەلەمپەي يول ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، كىشىلەر يەنە ياغاچ قۇرۇلمىلىق كۆتۈرمە يول ياسىغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قىزىل مىڭئۆينىڭ قېزىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۆرۈنۈشى بىلەن كېيىنكى قىياپىتىدە ناھايىتى زور پەرق بار.» قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مياۋ لىخۇي مۇنداق دېدى: ئەگەر قىزىل مىڭئۆينىڭ قىيا يۈزىدىكى كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرسەك، ناھايىتى ياخشى نامايان قىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا يەنە بىرقەدەر كۆپ يادىكارلىقلار قېزىۋېلىندى، بۇ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «كەييۈەن تۇڭباۋ»، كۈسەن ۋۇجۇ، ساپال قۇيما، تاش تۈگمەن، ئەينەك ئەسۋاب ـ ئۈسكۈنە قالدۇق پارچىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق شەرققە كېڭەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۆرگەزمە قىلىش ۋە پايدىلىنىشنى تېخىمۇ مول مەزمۇن بىلەن تەمىنلەش پىلانلاندى.

قوغداش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش

بۈگۈنكى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇن مەدەنىيەت خارابىسى ئىچىدە كۈسەن تاش غار توپى قەدىمكى دەۋردىكى كۈسەن رايونىنىڭ جەمئىيەت قىياپىتىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم مىراس ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ رايونغا 27 تاش غار تارقالغان بولۇپ، جەمئىي 824 غار بار، قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆيى، قىزىلقاغا مىڭئۆيى، ئاغى مىڭئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە.

كۈسەن تاش غارلىرىدىكى ئىمارەت، تام رەسىم، ھەيكەل قاتارلىقلار كۆپ خىل مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئالغان بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭدا تارقالغان ۋە كەڭ ئومۇملاشقان ئىزنالىرىنى پۈتۈپ، جيەنتولو سەنئىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بۇددا دىنى سەنئىتى، يەرلىك سەنئەتنىڭ شانلىق نۇرىنى يۇغۇرۇپ، بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش جەريانىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى كۆرسىتىپ بەرگەن، بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ئىزلىرىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، كۈسەن تاش غار سەنئىتى دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچىدىكى تاش غار سەنئىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

مىڭ يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۈگۈنكى كۈسەن تاش غارلىرى ھېلىھەم تەبىئىي ئامىللارنىڭ ئۇپرىتىشى ۋە خىرىسىغا ئۇچرىماقتا، يىمىرىلىش، قار ـ يامغۇر سىڭىپ كېتىش، يەر تەۋرەش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ جىنسلىرى يېرىقى، قۇرۇلما تۇراقسىزلىقى قاتارلىقلار تاش غارلاردىكى ئاجىز تام رەسىم، ھەيكەلدىن ئىبارەت مىراسلارنى قاتمۇقات سىناققا دۇچار قىلماقتا.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارماقلىرى كۈسەن تاش غار توپىنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، چارلاش، تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، قوغداش، ئاساسىي قىسمىنى قوغداش خاراكتېرلىك مۇستەھكەملەش ۋە رېمونت قىلىش، قوغداش رايونى ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تۈزەشتە چىڭ تۇردى ھەم تاش غارلاردىكى تام رەسىم، ھەيكەللەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھەم رەقەملەشتۈرۈپ توپلاپ، قوغداش بىلەن بىللە، كۆرگەزمە قىلىش، پايدىلىنىش ئۇسۇلى ۋە يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى 2024 ـ يىلى قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆيى قاتارلىق توققۇز جايدىكى تاش غارنى بىخەتەرلىك بويىچە 90 نەچچە قېتىم ئۇنىۋېرسال چارلاپ تەكشۈرۈش، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ھەم يامغۇردىن كېيىنكى بىخەتەرلىك بويىچە 40 نەچچە قېتىم چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى غارلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس دوكلاتلارنى شەكىللەندۈردى ۋە يۇقىرىغا يوللىدى.

ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات ئاكادېمىيەسى، دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئاكادېمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاش غار تام رەسىملىرىگە دائىر يەتتە تۈرلۈك قوغداش ـ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 41 غاردىكى تام رەسىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاماملىدى.

«ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز تەخمىنەن 150 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تام رەسىمنى ئاسراش ـ قوغداش ھەمدە تەخمىنەن 80 مېتىر كېلىدىغان تام رەسىمنىڭ چۆرىسىنى مۇستەھكەملەشنى تاماملىدۇق.» مياۋ لىخۇي مۇنداق دېدى: ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ كەتكەچكە، ھازىرقى تەبىئىي مۇھىتتا، تاش غاردىكى تام رەسىملەر يەنىلا ئىشقارلىشىپ چۈرۈكلىشىش، يېرىلىش، كاۋاك بولۇپ كۆپۈپ قېلىش، تام يۈزى سويۇلۇپ كېتىش قاتارلىق زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا يېڭى تىپتىكى قوغداش ماتېرىيالى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۈنەر ـ سەنئىتى ئارقىلىق تام رەسىملەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى قوغداپ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ يىل 2 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداشقا تۈرتكە بولىدىغان «تەنيۈەن پىلانى 2024» قىزىل مىڭئۆيدىكى ئىسلىشىپ كەتكەن ۋە كەمتۈك تام رەسىملەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرقلەندۈرۈش، تولۇقلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش − تېراگېرتس ۋاقىت دائىرىسى سىپېكترى، چوڭ مودېل ۋە تەپەككۇر زەنجىرى تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان تۈر قوزغىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى، جېجياڭ داشۆ سەنئەت ۋە ئارخېئولوگىيە شۆيۈەنى، رەقەملىك شىنجاڭ كەسىپلەر سېلىنما (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى تېراگېرتس ۋاقىت دائىرىسى سىپېكترى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قىزىل مىڭئۆينىڭ بىر ئۆڭكۈرىدىكى ئىسلىشىپ كەتكەن تام رەسىمنى زىيانغا ئۇچراتماي تەكشۈرۈپ ۋە سۈرەتلىك پەرقلەندۈرۈپ، تام رەسىمنىڭ ئەسلىدىكى رەڭ ئۇچۇرىنى ئېلىپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ تام رەسىمنىڭ قىياپىتىنى تەقلىدىي ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ؛ يەنە بىر غاردا چوڭ مودېل ۋە تەپەككۇر زەنجىرى تاكتىكىسىنى ئاساس قىلغان تام رەسىمنى تولۇقلاش سۇپىسىنى ئىشلىتىپ، كەمتۈك تام رەسىمنى ئوڭشايدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

كۆرگەزمە قىلىش ۋە پايدىلىنىش ئارقىلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش

باھار لەرزان قەدەملەر بىلەن يېتىپ كەلدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان كۇچا شەھىرى كۈسەن مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا، كۈسەن مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشنى يادرو قىلغان بۇ ئۇنىۋېرسال مۇزېينىڭ كۆلىمى 16 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ يىل 5 ـ ئايدا سىرتقا ئېچىۋېتىش پىلانلاندى، مۇزېيغا 700 پارچە(گۇرۇپپا) مەدەنىيەت يادىكارلىقى قويۇلغان بولۇپ، چۇنچيۇ ـ جەنگو دەۋرىدىن مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىغىچە بولغان ساپال، تاش، مىس، سۆڭەك، قاشتېشى قاتارلىق ئەسۋاب ـ ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 96 پارچىسى دۆلەتلىك 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ دەرىجىلىك قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ.

«كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۈسەن پۈتۈكلىرى، كۈمۈش بېزەكلەر، مارجان، باشاق، يۈزياپقۇ، رەڭلىك لايدا ياسالغان ماددىي قوللىغۇچىلار باش سۈرىتى، قېلىپتا ياسالغان كۈل رەڭ ساپال چىراغ، مىڭئۆي تام رەسىم قالدۇق پارچىلىرى، ماددىي قوللىغۇچىلار چۈشۈرۈلگەن تام رەسىم قالدۇق پارچىلىرى، تەڭگە پۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، قەدىمكى دەۋردىكى كۈسەن رايونىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيەت قىياپىتىنى كۆپ تەرەپتىن نامايان قىلىپ بېرىدۇ.» كۇچا شەھىرى كۈسەن مۇزېيىنىڭ باشلىقى ما لىلى مۇنداق دېدى: رەقەملەشتۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قۇرۇلمىسى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نامايان قىلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈسەن قەدىمىي شەھىرى، بۇددا ئىبادەتخانىسى تاش غارى، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يول، تۇر خارابىسىنى «جانلاندۇرىمىز».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈسەن بۆلەك رايونى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىلىرىنى يارىتىپ، ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، پاكىتنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، سىجىل قېزىپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ مول ئىچكى مەزمۇنى ۋە كۆپ قاتلاملىق قىممىتىنى نامايان قىلدى.

كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بىردەكلىكنى ساقلىشى ئۇنىڭ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى بولغانلىقىدا. بۇ خىل بىردەكلىكنى ساقلاش سەنئەت شەكلىدىكى ئارىلىشىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنىڭ گىرەلىشىشى.

2024 ـ يىلى، كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيى، كۇچادىكى مەشھۇر دۆلەت تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىنى ھېس قىلىش سارىيى، قىزىل تام رەسىم كەنتى ئائىلىۋى مېھمانخانىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى؛ قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى «بۇددا غەربتىن كەلگەن − شىنجاڭدىكى قەدىمكى تاش غارلار» «كۈسەن تاش غار سەنئىتى» «يىپەك يولىدىكى سەنئەت − ھىندىستاندىن دۇنخۇاڭغىچە بولغان شىنجاڭ تاش غار توپلىمى» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلىپ، «گۈزەل شىنجاڭ» «كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلى» قاتارلىق ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «كۈسەن سىرلىق مەنزىرىسى» «تام رەسىم پىلانى» قاتارلىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ھەم ھەر خىل كۆرگەزمىلەردە كەڭ دائىرىدە دىققەت ـ ئېتىبارغا ئېرىشتى.

كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلى جاھانغا تارالغان بولۇپ، لەرزان مۇزىكا ـ ئۇسسۇللارنىڭ تەسىرى نەچچە يۈز يىللارغىچە ئۆچمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «جاھانغا تارالغان» ئىلگىرىكى بۇ كاتتا مەنزىرە كۇچادىكى مەشھۇر دۆلەت تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىنى ھېس قىلىش سارىيىدا ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كېلىپ زوق ئېلىشقا جەلپ قىلماقتا.

بۇ ساراي پۈتۈن رايون تەسۋىرى، رەقەملىك قايتا ھاسىل قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، كۈسەن بۆلەك رايونىدىكى توققۇز چوڭ تاش غار، 86 غار، 107 تام رەسىم ھەمدە مەملىكەت سىرتىغا تارقىلىپ كەتكەن 32 پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كۆرگەزمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈسەن تاش غار دۇنياسىغا مەپتۇن قىلىپ، ئۇلارغا مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇ جاينىڭ ئۇسسۇل ـ مۇزىكىلار بىلەن قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن، كىشىلەر توپ ـ توپ بولۇپ قاتناپ تۇرىدىغان يىپەك يولى كاتتا مەنزىرىسىنى ئەسلىتىدۇ.

«ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۈسەن مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2024 ـ يىلىدىن 2026 ـ يىلىغىچە)»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قىزىل مىڭئۆي، قىزىلقاغا تۇرى، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن ئىبارەت ئۈچ جايدا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساياھەت قىلىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۈسەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھەت مەنزىلگاھىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ.

نۆۋەتتە، قىزىل مىڭئۆي مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە قىلىش بوشلۇقىنى پائال بەرپا قىلماقتا، بۇ، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت ئاممىۋى ئەسلىھەسى، ساياھەت مەھسۇلاتى، قاتناش لىنىيەسى، مەنزىرە مۇھىتى، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ۋە مەدەنىيەت ـ ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.