3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەن 10-ليەنىدىكى پارنىكتا لازا مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 22-تۇەن 600دىن ئارتۇق پارنىكتا يېتىشتۈرگەن 4 مىليون تەخسە لازا مايسىسى ھالقىلىق پەرۋىش مەزگىلىگە كىردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ مايسا تولۇقلاش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشلاپ، بۇ يىل ئېتىزغا تېرىلغان 90 مىڭ مو يەردىكى پىگمېنتلىق لازا مايسىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر شيې جياڭلىن)

ئىشچى-خىزمەتچىلەر پارنىكتا مايسا تولۇقلاش بىلەن ئالدىراش بولدى.

ئىشچى-خىزمەتچىلەر لازا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى