□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈ جياڭيەن، لى شىڭ، ساۋ خۇا
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
2024 - يىلى، شىنجاڭ دىققەتنى ئۈچ چوڭ مۇھىم ساھەنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە ئېكولوگىيە توسۇقىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش نەتىجىلىرىنى بېيجىڭغا ئېلىپ كەلدى ھەم ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەشنى تېزلىتىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇم تىزگىنلەپ، يېشىللىق بەرپا قىلىش، بېيىشتىن ئىبارەت قوش نەپكە ئېرىشىش
3046 كىلومېتىر!
2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى چۆرىدەپ بەرپا قىلىنغان يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىدا گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «بۇ بىر ئۇلۇغ تارىخىي پەيت!» 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلغان قەلبنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاشۇ پەيتنى ئەسلەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدىمەمەت ئوبۇل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، خوتەن ۋىلايىتىدە قۇم - بوران كۈچلۈك ئىدى، ئېكولوگىيەنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇم - بورانلىق ھاۋارايى بارغانسېرى ئازايدى، گىياھ ئۈنمەيدىغان قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى ئورنىتىلىپ، جەمئىيەتكە يېشىل توك تەقدىم قىلىندى. كىشىلەر قۇملۇقتا توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈپ، ھەم بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلىدى، ھەم كىرىمىنى ئاشۇرۇپ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.
تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنىڭ قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلۇشى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى يېشىل مۆجىزە.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىش جەريانى بولۇپ، سەللا بوشىشىپ قالسا تەكرارلىنىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى توختى راخمان مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل دىققەتنى ئاچقۇچلۇق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇشنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، گىرۋەكنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيمىز، يۈكسەلدۈرىمىز.
ئەتىيازدىكى سوغۇق بولۇۋاتقان مەزگىل 2 - ئايدا، نىيە ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق جايلار ھەرىكەتكە كېلىپ، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە ھەيدەپ ئاپىرىپ توپا ئىتتىرىش مەشغۇلاتى قىلىپ، سۇ، توك، يول تورى ياتقۇزدى؛ پارنىكتا يېتىشتۈرۈلگەن يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىقلار پات ئارىدا قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە كۆچۈرۈلۈپ، تۇتاشتۇرۇلۇش كەڭلىكى ئاشۇرۇلىدۇ.
خوتەن ۋىلايىتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەخمۇت ئۆمەرجان مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قوللىنىپ، قۇملۇقنى ئورمان يېرىگە ئۆزگەرتىپ، 366 مىڭ 700 مو سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىشنى تاماملاپ، 2 مىليون 528 مىڭ مو ئورمان يېرى بەرپا قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ؛ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ۋە قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 51 مىڭ مو يەردە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، 163 مىڭ 600 مو يەردە قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇشنى تاماملايدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى ئالاقىدار يىرىك پىلان تۈزدى، 2030 - يىلىغا بارغاندا قۇم تىزگىنلەش ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىليون 747 مىڭ 600 موغا يەتكۈزۈلىدۇ.
قۇم تىزگىنلەش ۋە بېيىشتىن ئىبارەت قوش يېڭىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟
«شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يۇلغۇن، سۆكسۆك، توشقانزەدىكى، قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش قىزىقىشى بار، بىز ئېتىبار بېرىش، يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى تۈزۈپ، دېھقانچىلىق رايونىغا يېقىن قۇملۇقتا دېھقانلارنى پائال قاتنىشىشقا يېتەكلىدۇق؛ چەت - يىراق قۇملۇقتا ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىلىرى ياكى كارخانىلارنى يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، قۇملۇق كەسپىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇردۇق.» ۋەكىل مەخمۇت ئۆمەرجان مۇنداق دېدى: قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمنى زورايتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، ئاممىنى بېيىتىش، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش
ئۇزاق مەزگىل ئۈرۈمچىدە ياشىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ھەر قېتىم قىش كەلگەندە، ئاسمانغا خۇددى بىر «قارا تۇۋاق» يېپىپ قويۇلغاندەك بولۇپ كېتىدىغانلىقى چوقۇم ھېلىمۇ ئېسىدە.
«ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى ئىزچىل تۆۋەنلىمەي، ئۇدا ئىككى قېتىملىق مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىشتا، نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. خەلق ئاممىسى كۆك ئاسماننىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى ئارزۇ قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىش، ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى ئاساسەن تۈگىتىپ، پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 2023 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشنى شۇ يىلدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى قىلىپ، «ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ <ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە> رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ كۆپ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلار، تىرانسپورت ساھەسى ۋە پارچە كۆمۈرنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەلىرىنى سېستىمىلىق تۈزەپ، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە»نىڭ ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. 2024 - يىلى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %90كە يېتىپ، 3.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، PM10، PM2.5 ئايرىم - ئايرىم ھالدا %19.4، %14.9 تۆۋەنلەپ، دۆلەتنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى نەتىجىسىنى باھالاشتا ئۇدا ئۈچ يىل مۇنەۋۋەر دەرىجە بولۇپ باھالاندى.
نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېكولوگىيەنى تۈزەش ئۈنۈمىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2025 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى ئاتموسفېرا مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو» رايونلىرىدا ئېغىر بۇلغىنىش كۆرۈلىدىغان كۈن سانىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5 ۋە %2 ئىچىدە تىزگىنلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانىنى %75.5تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى قارقېن قابدىكېرەم مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزىمىز.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭى بۇلغىمىلارنى ھەمكارلىشىپ تۈزەش ۋە مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇنىڭغا قارىتا، قارقېن قابدىكېرەم مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە بۇلغىنىشنى تۈزەشنى تۇتقا قىلىپ، مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى بويىچە «A دەرىجە يارىتىش، B دەرىجىگە ئۆستۈرۈش» ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىشقا كۈچ سەرپ قىلىمىز.
مەنبەدىن تۈزەش جەھەتتە، بۇ يىل يېڭى ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيە زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كۆمۈردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز پايدىلىنىش ئالغا سىلجىتىلىپ، پاكىز ئىسسىنىش يولغا قويۇلىدۇ؛ كۆپ مىقدارلىق ماللارنى ئوتتۇرا، ئۇزۇن ئارىلىققا توشۇشتا «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» مۇساپىسى تېزلىتىلىپ، دۆلەت 3 - دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى شاللاش تېزلىتىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېڭىلاپ ئورنىغا دەسسىتىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ ئېغىر بۇلغانغان ھاۋاغا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ياخشى ئىشلىنىپ، پەرقلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋادا «يۇقىرى پەللىنى پەسەيتىش، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ.
مۇشتنى چىڭ تۈگۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش. كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتقاندا، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىدا ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئاسمان ئۇزاققىچە كۆك بولۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش، يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش
شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى 5 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تولۇقلاپ چارلاپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 84 جايدا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى بار بولۇپ، ئاساسلىقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 12 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يىلدا تەخمىنەن 21 مىليون 800 مىڭ توننا كۆمۈر كۆيۈپ كېتىدىكەن.
كۆمۈر «قارا ئالتۇن» «سانائەتنىڭ ئاشلىقى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، بۇنداق قىممەتلىك بايلىق بىكاردىن - بىكار كۆيۈپ كەتسە، زور مىقداردىكى بايلىقنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقىمۇ كەسكىن خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ.
شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي ئۇسۇل ۋە كەسپىي تېخنىكىنى قوللىنىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈزەش بىلەن بۇلغىمىنى ئازايتىپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.
2024 - يىلى، شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تاماملانغان تۈزەش كۆلىمى 2 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 1 مىليون 470 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۆمۈر بايلىقىنىڭ كۆيۈپ كېتىش زىيىنى 3 مىليون 830 مىڭ توننا ئازايتىلدى، 9 مىليون 850 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلدى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خۇسۇسىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىدىغان، ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزەش يېڭى ئەندىزىسى ئىجادىي ئىزدىنىپ چىقىلدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر بايلىقى بىخەتەرلىكى ۋە ئەتراپتىكى شەھەر - بازارلارنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىدى. 3 - ئايدىن باشلاپ، كۆمۈرلۈكتىكى ئوت رايونىنى تۈزەشتە ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە قېزىش ماشىنىسى، كۈرەكلىك ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، قېزىش سۈرئىتى تېزلىتىلدى.
«ئوت ئالۋاستىسى» بىلەن بەسلىشىپ، ۋاقىت قوغلاشتى، سۈرئەت قوغلاشتى. فۇكاڭ شەھىرى لۈساۋگوۋ كۆمۈرلۈك ئوت رايونى ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ دىرېكتورى جاڭ شىنيا مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، بۇ ئوت رايونىدا 55 ماشىنا مەشغۇلات قىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا توپا ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، كۆيۈۋاتقان ئوت مەنبەسى گەۋدىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى مۆلچەرلەندى، ئارقىدىن تىندۇرۇلۇپ، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى چېچىلىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بۇ تۇپراقنىڭ ھاياتىي كۈچى قايتا نامايان قىلىنىدۇ.
«شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈكلەرنىڭ زاپاس كۆمۈر قاتلىمى تېيىز، كۆپ قىسمى ئوچۇق ھالەتتە بولۇپ، ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرغاق، شامال كۆپ چىقىدىغان، يامغۇر ئاز ياغىدىغان تەبىئىي مۇھىتتا ئاسانلا ئۆزلۈكىدىن ئوت كېتىدۇ.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ما خۇادۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئوت رايونىنى ياخشى تۈزەپلا قالماي، يەنە تۈزەلگەن ئوت رايونىنى ياخشى كۆزىتىپ، ئۆلچەپ، زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئوت رايونىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قايتا ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەم تارىخقا ۋارىسلىق قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە ۋەدە بېرىش. ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ مۇقەررەر ھالدا قۇم دېڭىزى يېشىللىققا پۈركەنگەن، قارلىق تاغلار شەھەرلەرنى جۇلالاندۇرغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى سىزىپ چىقىدۇ.