تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئوخشاشلا ئېسىل! مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇنجى كۈندىكى مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن فوتوسى، خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىغا جايلاشقان يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونىدا مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 9-نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دېيىلىدۇ)نىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى باشلاندى. تۇنجى كۈنى تېيىلىپ چۈشۈش تۈرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇسابىقە ئاياللار كۆرۈش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار گۇرۇپپىسى، ئاياللار ئۆرە تۇرۇپ قار تېيىلغۇچىلار گۇرۇپپىسى، ئاياللار ئولتۇرۇپ قار تېيىلغۇچىلار گۇرۇپپىسى، ئاياللار ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلار گۇرۇپپىسى ۋە ئەرلەر كۆرۈش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار گۇرۇپپىسى، ئەرلەر ئۆرە تۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى، ئەرلەر ئولتۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى، ئەرلەر ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلار گۇرۇپپىسىغا ئايرىلدى.

    ئىككى ئايلانما مۇسابىقە ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا سەككىز كىچىك تۈردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىلەر مەيدانغا كەلدى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ۋەكىللەر كوماندىسىدىن شۈ يوۋشىن ئاياللار كۆرۈش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار گۇرۇپپىسى بويىچە، خېبېي ئۆلكىلىك ۋەكىللەر كوماندىسىدىن جاڭ مېڭچيۇ ئاياللار ئۆرە تۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ۋەكىللەر كوماندىسىدىن ليۇ سىتۇڭ ئاياللار ئولتۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە، خېبېي ئۆلكىلىك ۋەكىللەر كوماندىسىدىن جاڭ ۋېنشىن ئاياللار ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى؛ خېبېي ئۆلكىلىك ۋەكىللەر كوماندىسىدىن ۋاڭ شىڭدۇڭ ئەرلەر كۆرۈش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار گۇرۇپپىسى بويىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ۋەكىللەر كوماندىسىدىن سۈن يەنلۇڭ ئەرلەر ئۆرە تۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ۋەكىللەر كوماندىسىدىن يەن خەيلىڭ ئەرلەر ئولتۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە، خېبېي ئۆلكىلىك ۋەكىللەر كوماندىسىدىن ۋاڭ جيالې ئەرلەر ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

    بىز بىرلىكتە مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەرلەر ئولتۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى مۇسابىقىدە.

تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

ئەرلەر ئولتۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار تەنھەرىكەتچىسى مۇسابىقىدە.

تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

بىر ئايال تەنھەرىكەتچى تېيىلىپ چۈشۈش تۈرىدىكى مۇسابىقىسىدە.

تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

ئەرلەر كۆرۈش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى مۇسابىقىدە.

تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

ئەرلەر ئۆرە تۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى مۇسابىقىدە.

تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

ئەرلەر ئۆرە تۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى مۇسابىقىدە.

تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

ئەرلەر ئۆرە تۇرۇپ قار تېيىلىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى مۇسابىقىدە.

تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.