
2-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەكەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدىكى پارنىكتا، ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان ياپيېشىل پېلەكلەردە، قاتار-قاتار كىچىك شوخلىلار شاخلىرىغا ئېسىلىپ، ھاۋانى تاتلىق مېۋە ھىدى قاپلىدى. ساياھەتچىلەر ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، مېۋە ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەلا سورتلارنى كىرگۈزۈپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئېرفان مۇختەر، چىمەنگۈل مەمەتنىياز)

ساياھەتچىلەر ئەمدىلا ئۈزگەن كىچىك شوخلىنى نامايان قىلماقتا.

كىچىك شوخلا پارقىراق ھەم سۈزۈك بولۇپ، ئادەمنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرەتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى