تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

3 - ئايدىكى پايتەخت، ئىللىق تۈس تەدرىجىي قويۇقلاشتى. باھارنىڭ يېنىك قەدىمى بىلەن تەڭ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن قەرەلىدە ئېچىلدى.

گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش. تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە زور ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئېلىپ، دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دانا تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كەڭ مەنزىلگە قاراپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشىدۇ.

ئەۋزەللىكنى توپلاپ، غەلىبە قىلىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش

«پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىش.» بۇ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئورتاق ئويلىنىشى. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە.

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ شارائىتىغا قويۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«بۇ يىل، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسى، يېشىل تېخنىكىدىن پائال پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» «N+10+1» سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى بىر تۈركۈم «زەنجىر باشلامچى» كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى يۈكسەلدۈرۈش، زەنجىرنى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە ئۆستۈرىمىز.

قېزىلما بايلىق ۋە گېئولوگىيە ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭ قېزىلما بايلىقىنى ئېچىشقا پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئۇ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز كانچىلىق ھوقۇقىنى «چۈشەكتىن بوشىتىش» سىياسىتى، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ماتېرىياللىرىدىن ئوچۇق ھەمبەھرىلىنىش ھەقلىق مۇلازىمەت مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ كان ئىزدەش ھەرىكىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

«شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى مول، نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ۋە ئېچىلغان قىسمى ئومۇمىي مىقدارنىڭ %20ىگىمۇ يەتمەيدۇ.» ما خۇادۇڭ مۇنداق دېدى: پەقەت بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرساقلا، چوقۇم نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى بەرپا قىلىشنى تېزلەتكەچكە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ساھەسىدە غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي تارقىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆرلىدى.

«ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ <ئۆزىكى>، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى ياخشى قوغداش دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىق.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى سىناش (ئۈرۈمچى) شۆبە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ۋېي مۇنداق قارىدى: ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى يەنىلا ئاساسىي تەتقىقات سالمىقىنى زورايتىش، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئۇرۇقچىلىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپتىن كۈچ چىقىرىشقا موھتاج بولۇپ، «شىنجاڭ ئاشلىقى»نى ياخشى تېرىش ئارقىلىق، «جۇڭگو تاماق قاچىسى»نى مۇستەھكەم تۇتۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.

تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىش، دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش

ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىساد چوڭ سەھنىسىگە پائال سىڭىپ كىردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالاتاۋ تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى لەن سىرتقا ئېچىۋېتىش ساھەسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىن تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكىچە، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن پورت تەجرىبىخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، ئۇ پائال زىيارەت قىلىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئالاتاۋ ھەتتا شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

«پورتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ قويۇپ بېرىش، پورت سودا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسەت تۈزۈشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، پورتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى لى لەن.

بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدۇ، بىر يول ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر مىسلىسىز قىياپەت بىلەن دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ ئەندىزىسىگە سىڭىپ كىرمەكتە. 2024 - يىلى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 90 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) لەر ئىچىدە 2 - ئورۇندا تۇردى، 2023 - يىلىدىكىدىن %18.8 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %22.9 ىنى ئىگىلىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، قەشقەر خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۇدۇللىشىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى خاس كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، «ئەركىن سودا تەجرىبە ئېتىزى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى «تېرىيدۇ».

تىرەكنى كۈچەيتىش، قۇۋۋەت توپلاش

2 - ئاينىڭ بېشىدا، تۇرپان شەھىرى خەيتەي يېڭى ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، 2025 - يىلى 1 - پەسىلدىكى چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئارقىدىنلا تارباغاتاي، قومۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئارقا - ئارقىدىن مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلدى، بۇ يېڭى ئېنېرگىيە، ھېسابلاش ئىقتىدارى، ئىسسىقلىق - ئېلېكتىر بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

«ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش زور بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنىڭ تىرەك بولۇشىغا ئېھتىياجلىق.

«2024 - يىلى، شىنجاڭ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، <100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك> قۇرۇلۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە <ئون تورى> قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ تۈرلەردە زىچ ئىش باشلىدى، تەرەققىياتتا بۆسۈش ھاسىل قىلدى» ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىل، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنېرگىيە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئۇزاق مۇددەتلىك، بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ قۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك قۇۋۋەت توپلايمىز.

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچقۇرۇن، كەچكى شەپەق غەربنى يورۇتتى، رەڭگارەڭ چىراغلار يېقىلدى، بېيجىڭ شەھىرى ئىچىدە، ئېگىز بىنالاردىكى نېئون چىراغلار بىلەن ئاھالىلەر بىناسىدىكى ئىللىق چىراغلار بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، ئىنتايىن گۈزەل كېچە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ جۇلالار شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە «ئون تورى»دىكى «ئىچكى جەھەتتىن تەمىنلەيدىغان، سىرتقا تۇتاشقان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى»نىڭ كۈچلۈك تىرەك بولغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2024 - يىلى، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، تارام - تارام توك ئېقىمى مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتتى.

مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش ئورۇن بىكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى يېتەكچى قىلىپ، «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىدىغان» يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئەندىزىسىنى ئاچتى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى گىرۋىكىدىكى چاقىلىق ناھىيەسىدە، جۇڭلۈديەن چاقىلىق 4 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئاشۇرۇپ توپلاشتۇرۇش پونكىتىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى، بۇ يەنە «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسىنىڭ ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرى.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ خۇاديەن ئىدىقۇت تېرموئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلۈمى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ بەنجاڭى نۇربىيە سىيىت «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭنىڭ <شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش>نىڭ كېيىنكى لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىنى قوللاش» قاتارلىق تەۋسىيەلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە پائال جاۋاب بېرىشىگە ئېرىشتى.

«<شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش> شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئىش ئورنى ياراتتى، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئېنېرگىيەنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ» نۇربىيە سېيىت مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل يەنىلا دىققەتنى بۇ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەۋسىيە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشىنى رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك قىلىش، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

يىلاننىڭ يىراق يول يۈرەلىشىدەك ئىشەنچكە تولدى. ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئىگىلىگەن، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالغان شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.