− 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
باھار كېلىپ شەرق شامىلى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى، تاغ - دەريالار يېڭى تۈسكە كىردى. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «14 - بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
ھەيۋەتلىك مۇساپىدە كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى پۇختا قەدەم ئىزى قالدۇرۇلدى. ئۇنتۇلغۇسىز 2024 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلار، مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، نۇرغۇن قىيىن ئىشلار، جىددىي ئىشلارنى ھەل قىلدى. «دەۋر يېڭى سەھىپىسى» ئارقىلىق پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «ئەڭ ياخشى ھەرىكەت» ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلەندى، بىزنىڭ نىشانىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم؛ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى، ئاشلىق ھوسۇلىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، چاڭئې 6 - نومۇر، شېنجېن - جۇڭشەن يولى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى سىجىل بارلىققا كەلتۈردۇق، «مۇقىم بولۇش» ئاساسىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتىمىز ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز تېخىمۇ قۇدرەتلىك؛ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭدۇق، ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدۇق، خەلقئارا سەھنىلەردە جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق، بىزنىڭ روھىمىز تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ.
ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەر ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر قىلىپ كۆرسەتكىنىدەك: «بىز پەقەت ئېتىقاد، ئىشەنچتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىزنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا چېكىنمەي تاقابىل تۇرساقلا، چوقۇم ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچالايمىز!»
تۈزۈم مۇقىم بولسا دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، تۈزۈم كۈچلۈك بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يارىتىلىشىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدى، قانۇننى يۇقىرى سۈپەتلىك چىقىرىش ئارقىلىق ئىسلاھات - تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلدى ۋە مۇلازىمەت قىلدى، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجە ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم، ئومۇمىي خەلقنىڭ كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى تۈزۈم.
بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى ھەم چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبالى نامايان بولدى. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس ۋە ئېنىقسىز ئامىللار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا «قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەتنى يېڭىپ، ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش»تەك جاسارەتنىڭ بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىشتىكى ئەڭ چوڭ تايانچ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈزمىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى، پەقەت خەلققە يېقىندىن تايانغاندىلا، ئاندىن يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ تۈزۈمنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ياخشى ئېچىش دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پىلانلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر يىل. ئاچقۇچلۇق يىلدا ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى پىلانلاش، ئاچقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. قانداق قىلغاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ؟ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ۋە تولۇق ئادا قىلىپ، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى چوقۇم مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، كەڭ ۋەكىللەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان «ئېسىل چارە - تەدبىر»لەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ «ياخشى سادا»سىنى ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە جاسارىتىمىز ئۇرغۇماقتا، پۇختا قەدەمدە كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلىنايلى. ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە، بىزنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسنى يېڭىشتا مۇستەھكەم تىرىكىمىز بار، ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشقا كۈچلۈك ئىشەنچىمىز بار. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۈمىدكە تولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلساق، بىز چوقۇم «14 - بەش يىل»نى تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.
يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)