تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر چىملىق مەيداندا ئارزۇغا ئىنتىلدى

   3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە سىنىپلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى(يېشىل كىيىم) توپ ئېلىپ مېڭىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتمەكتە.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە سىنىپلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ، غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ، سانجى ئوبلاستلىق 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن سەككىز كوماندا، 160تىن ئارتۇق پۇتبولچى ئۆسمۈر چىملىق مەيدانغا يىغىلىپ، ئۈچ كۈنلۈك ماھارەت كۆرسىتىش مۇساپىسىنى باشلىدى.

    3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە سىنىپلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى(قىزىل كىيىم) غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كاللا توپ تالاشماقتا.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مەكتەپ پۇتبولى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم مۇسابىقە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقە ماھارەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە سىنىپلىرىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پۇتبول مايسىلىرىنى تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

   ئىگىلىنىشىچە، 2025-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايوننىڭ 2025-يىللىق ئوقۇغۇچىلار قۇياش نۇرى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە سىنىپلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى بۇ يۈرۈشلۈك پائالىيەتنىڭ تۇنجى مۇسابىقە تۈرى ھېسابلىنىدىكەن.

   3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە سىنىپلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى(يېشىل كىيىم) ۋاراتاغا توپ تەپمەكتە.

    3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە سىنىپلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقە ئارىلىقىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا، غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى كوماندا ئەزالىرىغا تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.