□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
«2025 - يىلى باش باھاردىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق قار تېيىلىشتا، تاغ چوققىسىدىن پەسكە شۇڭغۇپ چۈشكەن ئاشۇ دەقىقىدە، شامال قۇلاق تۈۋىمدە ۋىژىلدىدى، قار ئاياغ ئاستىمدىن ئۇچقۇندىدى، پۈتكۈل دۇنيادا پەقەت ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن مۇشۇ تۇپراقلا قالغاندەك ئىدى.» 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يۈننەن دالىدىن كەلگەن ساياھەتچى گۇ گۇ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە 15 كۈن داۋاملاشقان شىنجاڭ قار پەسلى ساياھىتىگە خاتىمە بەردى، قۇمقاناستا قار تېيىلىۋاتقاندىكى سىن كىرىشتۈرۈلگەن بۇ كۆرۈنۈش شىنجاڭ قار - مۇزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت ھاياتىي كۈچىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى ئىدى.
2024 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۆپىيىپ 18گە يەتتى، پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال خىراجىتى 350 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنياۋى ساياھەت مەنزىلگاھىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلانماقتا.
سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش
مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تەرەققىيات ئۇلىنى پۇختىلىدى
باش باھاردىكى كۇچا شەھىرىنىڭ ساقساق مەھەللىسىدىكى كۈسەن تار كوچىسىدا، 100 يىللىق تۇرالغۇلار بىلەن يېڭى ئېقىمدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكانلىرى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر تارىخىي تومۇر ۋە زامانىۋى مەنزىرىلەردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى. «نۆۋەتتە، كۈسەن تار كوچىسى كۈسەن مەدەنىيىتى، خاس يېمەك - ئىچمەك، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، ساياھەت سۈرەتچىلىكى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى» دېدى كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گاۋ شيەنجى.
2023 - يىلى 5 - ئايدا، كۇچا شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى قوغداش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەڭ كۆلەمدە چاقماسلىق، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلماسلىق، پەقەت «كەشتىلەش» ماھارىتىنى قوللىنىپ، مىكرو ئۆزگەرتىش، مىكرو دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كونا شەھەر كوچا رايونىنىڭ تارىخىي تومۇرىنى ساقلاپ قېلىپ، كونا كوچا رايونىدىكى كوچىلارنىڭ تارىخى، ئادىمىيىتىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، كونا شەھەر رايونىدىكى قىسمەن كوچا رايونىدىكى كوچىلارنى «كۈسەن تار كوچىسى» قىلىپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ كېلىشكە جەلپ قىلدى.
بۇ ئەمەلىيەت شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى جەسۇرانە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2024 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە)»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېچىش، قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، 1 - قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت تەمىناتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە خاسلىقىنى بېيىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپى بەرپا قىلىشى كېرەك.
«ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى(2024 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە»دە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا قاراپ ھالقىشىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭدا ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىنغان مەدەنىيەت - ساياھەت ئۇل ئەسلىھە تۈرى 104 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 8 مىليارد 19 مىليون يۈەن بولدى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان مېھمانساراي 73 بولۇپ، يېڭىدىن 171 ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىندى؛ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسىدا كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تۈر 166 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى تەخمىنەن 77 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت مەيدان - ساراي قۇرۇلۇشلىرىغا ماس قەدەمدە كۈچىدى. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى سارىيى، شىنجاڭ شەھەر خاتىرىسى مۇزېيى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان مۇزىكا كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەيدان - سارايلار پۈتتى، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ «گۇگۇڭ زالى»، «دۆلەت مۇزېيى زالى»غا نادىر بۇيۇملار كۆرگەزمىسى كىرگۈزۈلدى، پۈتۈن بىر يىلدا ھەر دەرىجىلىك مۇزېي، خاتىرە سارايلىرى 2500 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق كۆرگەزمە، پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى: 2025 - يىلى 320 مىليون ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىككى چاق ئارقىلىق قوزغىتىپ، دۇنيا دەرىجىلىك مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپى بەرپا قىلىمىز.
يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش
قار - مۇز ئىقتىسادى ئېشىش يېڭى موتورىنى بەرپا قىلدى
«شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، تاماق يېيىشتىن قونۇشقىچە، مال سېتىۋېلىشتىن كۆڭۈل ئېچىشقىچە، مۇلازىمەت ناھايىتى يېقىشلىق، نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى چەت ئەللەردىن ئايلىنىپ شىنجاڭغا كېلىدۇ» دېدى ئۇدا بەش يىل شىنجاڭدا قار تېيىلىشنى تاللىغان گۇ گۇ ھاياجانلانغان ھالدا.
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قاتتىق جۇدۇن بارا - بارا يانغاندا، ئالتاي شەھىرى يەنىلا ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى يەنىلا بۇ جايدا قار ھۇزۇرىدىن بەھرىلەندى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئالتاي شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 424 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 499 مىليون يۈەن بولدى، بۇ، «قار بىلەن قاپلانغان چېگرا شەھەر» «قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق»نىڭ ئەمەلىيەت ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.
شىنجاڭنىڭ قار - مۇز بايلىقى قار مەزگىلى ئۇزاق، قار سۈپىتى ئەلا بولۇش بىلەن داڭلىق. «ئاپتونوم رايوننىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2027 - يىلىغا بارغاندا قار - مۇز كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 150 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ مەدىتىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ سانى 101گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ئىستىراھەت ئورنى بەش بولۇپ، سان جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ؛ جىكپۇلىن، جياڭجۈن تېغى، كۆكتوقاي، يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ قار تېيىلىش مەيدانى قاتارىغا كىردى، شىنجاڭ تېز قەد كۆتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە قار - مۇز ساياھىتىدىكى ئالقىشلىق مەنزىلگاھقا ئايلانماقتا.
قار - مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش قار - مۇز مەيدانى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. «قار - مۇز يىپەك يولى لوڭقىسى» نارات خەلقئارا ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى، خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش FIS جۇغلانما نومۇر يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسى، 2024 − 2025 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مەملىكەتلىك دالىدا قار تېيىلىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى، ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار - مۇز مەنزىرىسى بايرىمى، ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە «قار - مۇز + ساياھەت» «قار - مۇز + مەدەنىيەت» قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە قار - مۇز ساياھىتى ۋە تەنھەرىكىتى مۇھىم مەنزىلگاھى بولۇش ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
بىر كەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، قار - مۇز كەسپى ياسىمىچىلىق كەسپى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ساغلاملىق كۈتۈنۈش، سۇ بىلەن داۋالىنىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. خەلقئارادا 1 - قاتاردا تۇرىدىغان قار تېيىلىش، دالا داڭلىق ماركىلىرى كىرىپ ئورۇنلىشىشتىن، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ كارخانىلىرى كۆپىيىشكىچە، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ تەرەققىي قىلدى.
قار - مۇز كەسپىمۇ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا بولۇپ قالدى. ئالتاي شەھىرى خۇڭدۆڭ بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى تيەنجۈن ۋە ئوغلى قىش پەسلىدە قار تېيىلىش مەيدانىدا تىرېنېرلىق قىلىدىغان بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ؛ ئۈرۈمچى ناھىيەسى پىڭشىلياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئەتراپتىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا تايىنىپ، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشلەپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىپ، «قار تاماق قاچىسى»نى قولىغا ئالدى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى «ئات تېرىسىدىن چاڭغا ياساش ھۈنىرى» نىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى سىلامبېك ساقاش ياسىغان تېرە چاڭغا زاكازى تېز كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئوغلى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق قەدىمىي ھۈنەر - سەنئەتنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ئىقتىسادى سىياسەتنى رول، بايلىقنى يەلكەن، يېڭىلىق يارىتىشنى پالاق قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىغا يۈرۈش قىلدى.
چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولى يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى
3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرىغا جايلاشقان يوتقان قەدىمىي شەھىرى داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ. قەدىمكى ئۇدۇن مەدەنىيىتىنى روھ قىلغان بۇ مەدەنىيەت - ساياھەت يەر بەلگىسى كۈندۈزدىكى «ھەر خىل ئەلنەغمىلەر» بىلەن كېچىدىكى مېڭىش شەكلىدىكى ئويۇنلار ئارقىلىق، يىپەك يولىدا كارۋانلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان، شوخ ناخشا ياڭراپ لەرزان ئۇسسۇل ئوينىلىۋاتقان كاتتا مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
بۇ ئايرىم ئەھۋال ئەمەس. شىنجاڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇردى، «مەدەنىيەت - ساياھەت + قاتناش» «مەدەنىيەت - ساياھەت + تەنتەربىيە» «مەدەنىيەت - ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» «مەدەنىيەت - ساياھەت + سانائەت» قاتارلىق يۇغۇرما ئەندىزىلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ ھەر تەرەپلىمە يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
قەشقەر ۋىلايىتى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تايىنىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، كوناشەھەر ناھىيەسى مىللىيچە چالغۇلار كەنتى، يېڭىسار ناھىيەسى ساپال بۇيۇملار كەنتى ۋە قەلەمتىراش كەنتى قاتارلىق خاسلىققا ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى توپلاشقان رايوننى شەكىللەندۈردى؛ تاشقورغان تاجىك ئۆرپ - ئادەت كىچىك بازىرى، مەكىت دولان مەدەنىيىتى كىچىك بازىرى قاتارلىق رايون مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە، ھەرقايسى مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر تۈركۈم خاس مەدەنىيەت - ساياھەت كىچىك بازارلىرىنى بەرپا قىلدى.
«كۆپ يىل كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىش ئارقىلىق، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى <مەملىكەت بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى مۇنەۋۋەر مىساللار> قاتارىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تەسىرات كوچىسىغا <دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايون> دەپ نام بېرىلدى، قەشقەر خەلق ئۆرپ - ئادىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما ساياھىتى <مەملىكەت بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما ساياھىتى لىنىيەلىرى> قاتارىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسى ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دۇڭ خۇيچى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن سەككىزى، دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايوندىن يەتتىسى، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەردىن ئىككىسى، دۆلەت سانائەت ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن تۆتى، دۆلەت مەدەنىيەت كەسپى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايوندىن ئىككىسى، دۆلەت مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇندىن ئىككىسى بار بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى سىجىل كېڭەيدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ كۈسەن بۆلەك رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭ بويىچە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش ئۆرنىكى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىدۇ. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، خاس كەسىپ ھالىتى، باش تېمىلىق لىنىيە ۋە كۆپ خىللاشقان مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەت، مەدەنىيەت - سودا - ساياھەت، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت قاتارلىق كۆپ كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
پامىر ئېگىزلىكىدىن تۇرپان ئويمانلىقىغىچە، ئالتاي تېغىنىڭ سىرلىق مەنزىرىسىدىن كوئېنلۇندىكى رىۋايەتلەردىكىدەك مەنزىرىلەرگىچە، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەتنى قەلەم قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە يېڭى دەۋردىكى يىپەك يولى رىۋايىتىنى يېزىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا.